Uyghurئاساسىي لۇغەت
زاۋېن
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(فېلىيەتون) فېلىيەتون _ جەمئىيەتتىكى ماھىيەتلىك ۋەقە - ھادىسىلەر ياكى خاھىشلار بىۋاسىتە ۋە تېزلىك بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان، ئەدەبىي خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان سىياسىي مۇھكىمە ماقالىسى. ئۇنىڭدا ھەم سىياسىي مۇھاكىمە خاراكتېرى، ھەم ئەدەبىي خۇسۇسىيەتلەر بولىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدىكى پاكىتلار ھەقىقىي بولۇشى لازىم. ئۇنىڭ تىلى ھەم ئۆتكۈر، ھەم ئوبرازلىق، كىنايە، ھەجۋى قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: لۇشۈنننىڭ فېلىيەتونلىرى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر خىل ئەدەبىي ژانىر. ئىجتىمائىي ھاياتتىكى سەلبىي ھادىسىلەر، ئايرىم كىشىلەردىكى نۇقسانلار ھەجۋىي ئۇسۇل بىلەن پاش قىلىپ يېزىلىدىغان ئەسەر.
ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاينام ئۆركىشىنىڭ «پادىشاھ سامورايلىرى قاتتىق ھالسىرايدۇ» دېگەن فېليەتونى فېليەتوننىڭ ياخشى مىسالى. لۇشۈن زاۋېنلىرى ۋەقەنىڭ رېئاللىقى، تىلنىڭ كىنايىلىك، ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ھەممىگە ئايان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
ئەدەبىيات
ھازىرقى نەسرىي ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. مۇقىم شەكلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدا مۇنازىرە بولۇشىمۇ، بايان بولۇشىمۇ مۇمكىن.