Uyghurئاساسىي لۇغەت
زاۋال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىرىك ئورگانىزىمدا ھاياتى پائالىيەتنىڭ توختىشى، تۈگىشى.
ئۆلۈم جازاسى. ئۆلۈمگە ئامال يوق. ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي. دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق. قورققاننى ئەجەل قوغلار. بەتنام ياشىغاندىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەل، مەقسەتكە يەتمەي يەپ كەتسە ئەجەل. سەۋەب قىلساڭ، زاۋال يوق، قىلالمىساڭ، ئامال يوق. ھەركىم زۇلۇم قىلسا، دۆلىتى زاۋال تاپار. قازا كەلسە، قوشۇقتىكى سۇدىن قاقىلىپ ئۆلەر. بەخت تاغنى جۈپ قىلار، قازا جۈپنى تاق قىلار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈن پېتىش ئالدىدىكى بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن، تاڭ، سەھەر، سۈبھى، بامدات
كۈن يورۇغان بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن ئوڭمىغان، كەچ ئوڭماس. كەچتىكى چايغا بارغۇچە، ئەتىگەندىكى سوقۇشقا بار. تاڭنىڭ ئېتىشى توخۇنىڭ چىللىشىدىن ئەمەس. تاڭ - شۇ كۈننىڭ ياشلىق ھۆسنى، كەچ - شۇ كۈننىڭ قېرىلىق چېغى. ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى. سەھەر تۇرغان قۇشنىڭ قۇرسىقى توق. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. يارىمنى سۈبھى - شام ياد ئېتىمەن. زاۋال بولدى، گۇگۇم چۈشتى، كۈندۈز تۈگىدى. ئاخشام كۆردۈم، بامدات ۋاقتىدا تۇر، سالامەت بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۈن پاتقاندىن قاراڭغۇ چۈشكۈچە بولغان ۋاقىت.
لۇتپۇللا سىرتقا چىققاندا، ئاللىقاچان زاۋال بولۇپ قالغانىدى.
كۆچمە. گۇمران بولۇش، يوقىلىش؛ ھالاكەت.
زاۋال تاپماق.
كىمنىڭ زۇلمى كۆپ بولسا، زاۋالى يېقىن بولۇر (ماقال).