Uyghurئاساسىي لۇغەت
زامان ساڭا باقمسا سەن زامانغا باق
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەربۇ، كۆپ ھاللاردا ۋەزىيەت، شارائىت كىشىلەرنىڭ ئىرادە - ئارزۇسىغا باقمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئارامخۇدا كۈن ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئادەم ۋەزىيەت، شارائىتقا ماسلىشىش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ: سوراقتا ئۇيقۇسىز تۇردۇم كېچىلەپ، دېدىكى: «بەرىبىر قالالمايسەن ساق. ئېسىڭنى تاپ، زامان ساڭا باقمىسا، ئىتائەت قىلغىنكى، سەن زامانغا باق. ئېگىلگەن باشنى ھېچ كەسمەس قىلىچ، بۇ ئۆچمەس ھېكمەت ئىشەن، سال قۇلاق».
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.