Uyghurئاساسىي لۇغەت
زامان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت؛ ئايرىم كەلمەيدۇ، «شۇ» ، «بىر» سۆزلىرى بىلەن بىللە كېلىدۇ.
قەيەرگە ئاپتاپ نۇر تۆككىنى ھامان، كېتىدۇ ئۇ يەردىن سايىمۇ شۇ ئان. شۇ ئەسنادا قەيەرلەردە يۈرىدىغانسىز؟ گەر كىمدە ئەقىلىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر بار، ئۆمۈردىن بىردەمنى ئۆتكۈزمەس بىكار. باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن، باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن. قۇش تۇخۇمى باغرىغا باسقان زامات، ھىممەتتە ئۆلۈككە ئاتا قىلار جان. بىر سائەتتىن كېيىن تاۋاق تارتىلدى. بىر كۆچ كۇزگىل _ بىردەم كۈتكىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئۇزاقراق ۋاقىت.
زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق. زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ. زامان ئۆزگەرسە، ئادەممۇ ئۆزگىرەر. ياشلىق دەۋر ئېسىل تاش، بىر يوقاتساڭ مەڭگۈ تېپىلماس. ھەقىقەت دەۋرنىڭ قىزى. دەۋر بىلەن تەڭ ماڭغان مەڭگۈ قېرىماس. دۇنيانىڭ سىرىنى بىلمەي دېسەڭ، ئۇزاق مەزگىل شاگىرىت بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تارىخنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن بۆلۈنگەن، شۇنىڭدەك بىرەر تارىخىي ۋەقە، ھادىسە يۈز بەرگەن ياكى بىرەر شەخس، سىنىپ، تەبىقە قاتارلىقلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مۇئەييەن بۆلىكى، دەۋر.
بۇرۇنقى زامان. ھازىرقى زامان.
مەزگىل، مەھەل، مۇددەت؛ ۋاقىت، پەيت، چاغ.
يىگىت تۈكنى كۆيدۈرگەنىكەن، ئاغمىخان شۇ زامان پەيدا بوپتۇ.
<پەلس> ماددا مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر خىل ئوبيېكتىپ شەكلى، يەنى ماددىي مەۋجۇدىيەتنىڭ بۇرۇن، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىن تەركىب تاپقان بىر تۇتاش سىستېمىسى، شۇنىڭدەك ماددا ھەرىكىتى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
<تىل> پېئىل ئىپادىلىگەن ئىش - ھەرىكەتنىڭ نۇتۇق مومېنتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگۈچى فورما. ئادەتتە ئۇ ئۆتكەن زامان، كېلەر زامان ۋە ھازىرقى زاماندىن ئىبارەت چوڭ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
كۆچمە. ۋەزىيەت.
زامان تۈزەلسە، يامانمۇ تۈزىلەر (ماقال).
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ۋاقىت، چاغ، دەۋر