Uyghurئاساسىي لۇغەت
زامان زورنىڭ تاماشا كوزنىڭ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ۋەزىيەتنىڭ ياۋاش، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ، كەيپ - ساپا پەيزىنى سۈرۈپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن ئۆكتەملەرگە يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: - «زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ» دېگىنى شۇ ئەمەسمۇ، - دېدى سابىر گېپىنىڭ ئاخىرىدا، - خەير، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر، ماڭىمۇ بىر نۆۋىتى كېلەر.