Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىنى ساقلاش
دائىرە: بىئولوگىيەمىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۇرۇقىنى (باكتېرىيە تۈپىنى) ساقلاش ئۇسۇلى. بۇنىڭ ئاساسلىق تەلىپى؛ ساقلانغان ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە ئۆلۈپ قالماسلىقى، بۇلغانماسلىقى، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇسۇللاردىن ئادەتتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاش، قۇم تۇپراقتا ساقلاش، مىنېرال مايدا ساقلاش، ۋاكۇئۇم بوشلۇقتا توڭلىتىپ قۇرۇتۇپ ساقلاش قاتارلىقلار بار. مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا ساقلاش بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پرىنسىپى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا تىزگىنلەش، قۇرۇتۇش ياكى ھاۋادىن ئايرىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەرت ئارقىلىق ساقلاۋاتقان ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىنىڭ مېتابولىزم ئاكتىپچانلىقىنى مۇمكىنقەدەر تۆۋەنلىتىپ، ھاياتلىق پائالىيىتىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە ساقلاش. ئۇخلاش باسقۇچى بولغان باكتېرىيە تۈپلىرىنىڭ ئۇخلاش نەتىجىسى (مەسىلەن، سپورىسى) ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىنى ساقلاش ماتېرىيالى قىلىنسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.