Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇرۇقدان
بىئولوگىيە
ئانىلىقنىڭ تۈۋىدىكى چوڭ خالتىسىمان قىسمى، ئۇنىڭ سىرتىدا ئۇرۇقدان، ئىچىدە تۆرەلمە تۈگۈنى بولىدۇ، بىردىن بىر قانچىگىچە ئانىلىق ياپراقچىسىدىن تۈزۈلىدۇ. ئانىلىق ياپراقچىلىرىنىڭ ئەتراپى قوشۇلغان قىسمى قورساق تىكىچى، ئانىلىق ياپراقچىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يوپۇرماقنىڭ ئوتتۇرا تومۇرىغا توغرا كېلىدىغان قىسمى دۈمبە تىكىچى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆرەلمە تۈگۈنى قورساق تىكىچ سىزىقىدا ئۆسىدۇ. بىر تال ئانىلىق ياپرىقىدىن تۈزۈلگەن ئۇرۇقدان ئاددىي ئۇرۇقدان دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، كۆك پۇرچاق. ئىككى دانىدىن ئارتۇق ئانىلىق ياپراقچىسىدىن تۈزۈلگەن ئۇرۇقدان مۇرەككەپ ئۇرۇقدان دەپ ئاتىلىدۇ. ئانىلىق ياپراقچىسىنىڭ بىرىكىش ئەھۋالى ئوخشىمايدىغانلىقتىن، مۇرەككەپ ئۇرۇقدان بىر خانىلىق (مەسىلەن، ئەپيۇنگۈل، بىنەپشە) ياكى كۆپ خانىلىق (مەسىلەن، كېۋەز، كۈنجۈت) بولىدۇ. ئۇ گۈل تېگىدىكى ئۆسۈش ھالىتىگە ئاساسەن ئۈچكە بۆلۈنىدۇ؛ (1) ئورنى يۇقىرى ئۇرۇقدان. ئۇرۇقداننىڭ پەقەت تېگىلا گۈل تېگى بىلەن تۇتىشىدۇ، قالغان قىسمى مۇستەقىل تۇرىدۇ. مەسىلەن، قىچا. (2) ئورنى يېرىم تۆۋەن ئۇرۇقدان. ئۇرۇقداننىڭ تۆۋەنكى يېرىمى گۈل تېگى بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ، يۇقىرىقى يېرىمى مۇستەقىل تۇرىدۇ. مەسىلەن، سېمىز ئوت. (3) ئورنى تۆۋەن ئۇرۇقدان. ئۇرۇقداننىڭ پۈتۈن قىسمى گۈل تېگى ياكى گۈل نەيچىسى (گۈل كاسىسى بىلەن گۈلتاجىنىڭ تۈۋىدىن تۈزۈلگەن نەيسىمان تۈزۈلۈش) ئىچىگە كىرىپ بىرلىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، كاۋا. ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۇرۇقدان يېتىلىپ مېۋىگە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۆرەلمە تۈگۈنى يېتىلىپ ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ.
بىئولوگىيە
<تېستىس> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەركەك ھايۋاننىڭ كۆپىيىش بېزى. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا نۇرغۇنلىغان ئەگرى - توقاي ئىنچىكە سپېرما نەيچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەن بوشلۇقىنىڭ دۈمبە دىۋارىدا بۆرەكنىڭ ئىچكى يېنىغا، يەنى ئوڭ - سولغا بىردىن جايلاشقان. بەزى ئېمىتكۈچى ھايۋانلار (مەسىلەن، بىر تۆشۈكلۈكلەر، خارتۇملۇقلار، كىت قاتارلىقلار) نىڭ ئۇرۇقدانى مەڭگۈ تەن بوشلۇقىدا ساقلىنىدۇ. باشقا بەزىلىرىنىڭ (مەسىلەن، تۇياقلىقلار ھەمدە نۇرغۇنلىغان پرىماتلر ۋە گۆشخورلار قاتارلىقلارنىڭ) ئۇرۇقدىنى بولسا، تۆۋەنلەپ ئۇرۇقدان خالتىسىغا كىرىدۇ؛ يەنە بەزىلەرنىڭ (مەسىلەن، كۆپ قىسىم غاجىغۇچىلار ۋە ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ) ئۇرۇقدىنى ئادەتتە تەن بوشلۇقىدا ساقلىنىپ، كۆپىيىش پەسلى كەلگەندە تۆۋەنلەپ ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىئولوگىيە
ئەر كىشى ياكى ئەركەك ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىنىڭ بىر قىسمى. ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدىنى ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، يۇمىلاق كېلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئانىلىقنىڭ ئاستىنقى كۆپكەن قىسمى. ئۇرۇقدان تەرەققىي قىلىپ مېۋە ھاسىل قىلىدۇ. تۆرەلمە تۈگۈنى تەرەققىي قىلىپ ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ.