Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇرۇك مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
يەنى ئېرىك مەدنىيىتى بۇ مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى برونزا قورال ۋە تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلىۋاتقان دەۋردىكى مەدەنىيەت. ئېفرات دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى (بۈگۈنكى ئىراقتا) قەدىمىي شەھەر ئۇرۇكتىن تېپىلغان. خارابىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 8000 مو كېلىدۇ. ئېرىدۇ - ئوبېئىد مەدەنىيىتىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. مىلادىدىن تەخمىنەن 3400 - 3100 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئارىلىقىدا مەۋجۇت بولغان. بۇ مەدەنىيەتنى ياراتقۇچى سۇمېرلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئارپا ۋە ئىككى دانلىق بۇغداي تېرىغان، كالا، ئېشەك قاتارلىقلارنى كۆندۈرگەن. ئۇ ۋاقىتتا تاش قوراللار ئومۇملىشىپ، برونزا قوراللار بارغانسېرى كۆپەيگەن، ساپال چاقلار ئارقىلىق ساپال قاچىلار ياسالغان، غايەت زور مۇنار - ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشلىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. كېيىنكى دەۋرلەردە ناھايىتى قەدىمىي بولغان تەسۋىرىي يېزىقلار مەيدانغا كەلگەن. قېزىۋېلىنغان ئۇرۇكنىڭ گەج كۇپلىرىدىن ۋە قاپارتما نەقىشلىرىدىن توققۇز نەپەر يالىڭاچ ئادەمنىڭ ئۆزىنى قۇربانلىققا ئاتىغانلىقىدىن ئىبارەت تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇرۇك مەدەنىيىتى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبى تەرىپى پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.