Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈچ بەگلىك ھەققىدە خاتىرە
دائىرە: دۇنيا تارىخىكىتاب ئىسى. چاۋشيەننىڭ سىللا، پېكچى، كورىيىدىن ئىبارەت ئۈچ بەگلىكىنىڭ ئىش - ئىزلىرى توپلانغان كىتاب. كۇرىيىلىك راھىب يى رەن (1206 - 1289) چىڭشاڭ ئۆلكىسىنىڭ جاجى تېغىدىكى لىڭجياۋ ئىبادەتخانىسىدا خەنزۇچە يېزىپ چىققان. جەمئىي بەش جىلد بولۇپ، خاندانلىقنىڭ تارىخى، ياتلار خاتىرىسى، قانۇننى گۈللەندۈرۈش، مۇنار - بۇت، تەپسىر، ئىلاھىي ئەپسۇن، ھېسسىيات، پەرھىز، ۋاپادارلىق - ياخشىلىق قاتارلىق توققۇز پارچىغا بۆلۈنگەن. كىتابتا بۇددا دىنىغا دائىر ئىشلار كۆپرەك تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، نۇرغۇن مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللارمۇ كىرگۈزۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.