Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈچ ئەۋلاد بىر كىشىلىك قانۇنى
دائىرە: دۇنيا تارىخىياپونىيە نارا دەۋرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى. مادارادا يەر كېسىپ بېرىش قانۇنىنى قوغداش ئۈچۈن مىلادى 237 - يىلى (ياڭلاۋ 7 - يىلى) بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان. بۇ قانۇندا بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر يېڭىدىن ئېرىق چېپىپ، كۆل ياساپ بەرپا قىلغان يەرلەرنى ئوغلىغا، نەۋرىسىگە، چەۋرىسىگە قالدۇرۇشقا يول قويۇلىدۇ؛ ئەسلىدىكى ئېرىق، كۆلدىن پايدىلىنىپ يەر ئاچقۇچىلارنىڭ يېرى پەقەت ئۆزىنىڭ تېرىشىغا يول قويۇلۇپ، كېيىن جامائەت يېرى قاتارىدا قايتۇرۇۋېلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. يەر ئومۇمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان چاغدا، يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر يەرنى ئاق تاشلىغاچقا ئۈنۈمى چوڭ بولمىغان، يەرنى شەخسىي مۈلۈك قىلىۋېلىش ئىشىمۇ شۇنىڭ بىلەن كېڭەيگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.