Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈچ پادىشاھنىڭ ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ماكخازىدىن دەرياسى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ماراكەشنىڭ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشقا پورتۇگالىيە كورۇلى، ماراكەش پادىشاھى ۋە ماراكەشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پادىشاھى قاتناشقانلىقتىن ئۈچ پادىشاھ ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. 1451 - يىلدىن باشلاپ پورتۇگالىيە كەينى - كەينىدىن ماراكەشنىڭ تانگېئېر، ئاگادىر قاتارلىق جايلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى، سائادې سۇلالىسى <غازات> قىلىپ، پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئاگادىر، سافى (Safi) ۋە ئازېممۇر قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1578 - يىلى پورتۇگالىيە كورۇلى سېباستىئاۋ (1554 - 1578) 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئارزىلاردا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ماراكەشنى بويسۇندۇرماقچى بولغان، سائادې سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كورۇلى مۇھەممەد مۇتاۋاككىل ئارمىيىنى باشلاپ ئۇنىڭغا بېقىنغان. ماراكەش پادىشاھى ئابدۇلمەلىك قوشۇنىنى باشلاپ ئارقىغا ھېكىنىپ، دەم ئېلىپ كۈچ توپلىغان. پورتۇگالىيە قوشۇنى ماكخازىن دەرياسىغىچە ئىلگىرىلەپ كەلگەندە مەلىك 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ جەڭگە ئاتلانغان، پورتۇگالىيە مەغلۇپ بولغان، سېباستىئان بىلەن مۇتاۋاككىل تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. مەلىك كېسەل بىلەن ئۆلگەن، بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا ماراكەش مىللىي مۇستەقىللىكى قوغداپ قېلىنغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ماقازىن ئۇرۇش> مۇ دېيىلىدۇ. ماراكەشتىكى ئەسەد سۇلالىسى پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئۇرۇشقا ئەسەد سۇلالىسىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلىشنى تالىشىۋاتقان ئىككى سۇلتان ۋە پورتۇگالىيە پادىشاھلىقى قاتناشقانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالدى. ⅤⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى پورتۇگالىيە پادىشاھلىقى ماراكەشنىڭ زېمىنىنى پىلە قۇرتىدەك يەپ، تانگىر، ئاگادىر قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالدى. ⅥⅩ - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ئاتىغان سەئىدلەر جىھاد قىلىپ، پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكچىلىكگە قارشى تۇرۇپ، ئاگادىر قاتارلىق رايونلارى قايتۇرۇۋېلىپ، مارىنىيە سۇلالىسىنىڭ ئورنىغا ئەسەد سۇلالىسىنى قۇردى. 1573 - يىلى ئابدمالىك ئوسمانلىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا مۇتەۋەككىل بىلەن تەخت تالاشتى. مۇتەۋەككىل بىلەن تەخت تالاشتى. مۇتەۋەككىل پورتۇگالىيىدىن ياردەم سورىدى. پورتۇگالىيە پادىشاھى سېباستىئاۋ (1554 - يىلىدىن 1578 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) 1578 - يىلى 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئارزىلادا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ماراكەشنى بويسۇندۇرماقچى بولدى. 8 - ئايدا ماقازىن دەرياسى بويىدىكى كەبىر قەلئەسىدە جەڭ بولدى. پورتۇگالىيە قوشۇنى مەغلۇب قىلىندى. پادىشاھ سېباستىئاۋ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلدى. تەخت تالاشقان ئىككى سۇلتان جەڭدە ئۆلدى. ئابد مالىكنىڭ ئۇكىسى ئەبۇ ئابباس مەنسۇر (1578 - يىلىدىن 1603 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) ياردەمچى قوشۇن باشلاپ كېلىپ، سۇلتان بولدى.