Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسپانىيە خەلق سېپى
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىيە خەلقىنىڭ فاشىستلارغا قارشى بىرلىك سەپ تەشكىلاتى. كوممۇنىسىتىك پارتىيە، ئىشچىلار سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سول قانىتى، ئىشچىلار بىرلەشمىسى باش ئۇيۇشمىسى ۋە باشقا بەزى سولچى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار قاتناشقان. 1936 - يىلى 1 - ئايدا تەشكىللىگەن. 2 - ئايدا پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.