Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسپاتلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پاكىت كۆرسىتىپ، ئىش - ھەرىكەتلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئاساسلىماق.
ئىش بىلەن دەلىللىمىسەڭ، ئۇلۇغ سۆزۈڭ قۇرۇق گەپ. خەلق گۇمانلانغان ئىشنى ئىسپاتلاشنىڭ ھاجىتى يوق. سۆزلىمىسەڭ سەندە كىمنىڭ ئىشى بار، دېدىڭمۇ دادىل ئېيت، ئىسپاتلا تەكرار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پىكىر، دەۋا، پەرەز ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىقىنى ياكى بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە - ھادىسىنىڭ چىنلىقىنى دەلىل، ھۆججەت، پاكىت بىلەن تەستىقلىماق، دەلىللىمەك.
بۇنداق ئەھۋالدا ئارسلانوپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىنى قايسى پاكىت بىلەن ئىسپاتلايدۇ؟
بىرەر قائىدە ياكى ئىش، دەۋانىڭ توغرىلىقىنى باشقا مەلۇم قائىدىلەر ئاساسىدا مەنتىقىي مۇلاھىزە ۋە دەلىللەر بىلەن تەستىقلىماق، ئېنىقلىماق.
تېئورېمىنى ئىسپاتلىماق.
زەرگەر ئۇستاممۇ ئېرىنمەستىن بىر - بىرلەپ سىناپ كۆرۈپ، ھەممىسىنىڭ قىزىل مىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.