Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسپانىيە شەھەر جامائەت قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى1520 - 1522 - يىللىرى ئىسپانىيەنىڭ كاستىلىيە دېگەن يېرىدىكى شەھەر جامائەلىرىنىڭ كورۇل كارلوس Ⅰ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭى. 1520 - يىلى 6 - ئايدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تولېدو شەھىرى باشچىلىقىدىكى بەزى شەھەرلەر ھەربىي خاراكتىرلىك ئىتتىپاق - <مۇقەددەس يىغىن> ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ مەركىزىنى ئاۋىلا شەھىرىدە تەسىس قىلغان. قوزغىلاڭغا شەھەر ئاھالىلىرى، قول سانائەتچىلەر، دېھقانلار، ئاقسۆڭەك ۋە مىسسىئونېرلار قاتناشقان. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان پادىللا رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭچىلار كارلوس Ⅰ (1519 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا سايلىنىپ، كارلوس Ⅴ دەپ ئاتالغان) نى ئىسپانىيىدە قېلىشنى، چەت ئەللىكلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە چېركاۋلاردا ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلەرنى بىكار قىلىشنى؛ پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى ۋە شەھەرلەرنىڭ مۇختارىيەتلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى؛ ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى مەنئى قىلىشنى تەلەپ قىلغان. قوزغىلاڭ كاستىلىيىنى قاپلاپ كەتكەن. كېيىن قوزغىلاڭ بارغانسېرى دېموكراتىيە خاراكتىرىنى ئالغانلىقتىن، ئاقسۆڭەكلەر يەنىلا كورۇل تەرەپكە ئۆتۈۋېلىپ، قوزغىلاڭنى بىللە باستۇرغان. 1521 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ۋىللالار ئۇرۇشىدا قوزغىلاڭچىلار يېڭىلىپ، پادىللا ئەسىرگە چۈشۈپ قۇربان بولغان. ئۇنىڭ ئايالى مارىيە پاچېكو (؟ - 1531) تولېدو شەھىرىنى شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - گىچە ساقلىغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، ھەرقايسى شەھەرلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئەركىنلىك كورۇل تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.