Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېرۇسالىم پەرمانلىرى توپلىمى
دائىرە: دۇنيا تارىخى耶路撒冷法令汇编
yē lù sā lěng fǎ lìng huì biān
ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېرۇسالىم پادىشاھلىقىدا تۈزۈلگەن پەرمانلار توپلىمى بولۇپ، ئۇنىڭدا فېئوداللار بىلەن ئۇنىڭ بېقىندىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت قاتارلىق مۇناسىۋەت تەپلىسىي بەلگىلەنگەن. پادىشاھنىڭ ھوقۇق كۈچى چوڭ فېئوداللار كېڭىشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. ئېنگېلس غەربىي ياۋرۇپانىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمى ئۈلگە قىلىنغان بۇ <ئاساسىي قانۇن>نى - فېئداللىق تۈزۈمنىڭ <ئەڭ تىپىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى> دەپ ھېسابلىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.