Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېرۇسالىم
دۇنيا تارىخى
耶路撒冷
yē lù sā lěng
ئېيتىشلارغا قارىغاندا <تىنچلىق شەھىرى> دېگەن مەنىدە. پەلەستىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەدىمىي شەھەر، يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. خرىستىئان، ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردە بىنا قىلىنىشقا باشلىغان. پادىشغاھ دۋاىد بۇ شەھەرنى پايتەخت قىلغان ھەمدە قۇرغان، ئوردا ۋە ئىبادەتخانا قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سالدۇرغان. پادىشاھ سولومون ھەشىمەتلىك ئوردا ۋە يەھۋا ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق سالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر يەھۇدىيلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي مەركىزىگە ئايلانغان. مىلادىدىن 586 يىلى ئىلگىرى يېڭى بابىلون پادىشاھى ناۋۇخودونوسور ئىشغال قىلىۋالغان. كۆپلىگەن ئاھالىسى مەجبورىي ھالدا بابىلونغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار، تارىختا <بابىلون تۇتقۇنلىرى> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 535 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى كىروس بابىلوننى ئىشغال قىلىپ، يەھۇدىي <تۇتقۇنلىرى>نى قويۇپ بېرىپ ئېرۇسالىمغا قايتىپ كېتىشىگە يول قويغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. مىلادى Ⅰ ئەسىردىن Ⅱ ئەسىرگىچە كۆپ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىن قايتىدىن ياسالغان. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر، Ⅺ ئەسىردە سالجۇق تۈركلىرى ئىگىلىۋالغان. ئەھلىسەلىپ قوشۇنى شەرققە يۈرۈش قىلغاندا بۇ جايدا لاتىن پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان. ئېرۇسالىم كونا ۋە يېڭى دەپ ئىككى شەھەرگە بۆلۈنىدۇ، كونا شەھىرىدە قەدىمىي يادىكالىقلار كۆپ. زىئون قەلئەسى، ھەيۋەتلىك يۇمىلاق تاش تۈۋرۈكلۈك خانىقا ۋە خرىستىئان دىنى ئۆلىمالىرىنىڭ قەبرىلىرى، چېركاۋ قاتارلىقلار بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قىددىس ئەيسا بۇ جايدا كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەنمىش؛ ئىسلام دىنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ جايدا ئاللانىڭ دەرگاھىغا (مىراجغا) چىققانمىش. 1949 - يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيە يېڭى شەھەرنى ئىگىلىگەن، ئېئوردانىيە كونا شەھەرنى ئىگىلگەن. 1967 - يىلدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئەرەب - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيە پۈتۈن ئېرۇسالىمنى بېسىۋالغان.