Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېرۇسالىم پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
耶路撒冷王国
yē lù sā lěng wáng guó
ئەھلىسەلىىپتىن پەلەستىن ۋە سۈرىيىدە قۇرغان فېئودال پادىشاھلىق (1099 - 1291). بىرىنچى ئەۋلاد پادىشاھى فرانسىيىدىكى تۆۋەنكى لوتارىنگىيىنىڭ گېرتسوگى گوتفرى دې بولئون. پايتەختى ئېرۇسالىم. ئۇنىڭغا ئانتىئوكىيە كىنەزلىكى، ئېدېسسا بەگلىكى ۋە ترىپولى بەگلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ بېقىندى دۆلەت قاراشلىق بولغان. <ئېرۇسالىم پەرمانلىرى توپلىمى> نى ئېلان قىلىپ، غەربىي ياۋرۇپادىكى فېئوداللىق تۈزۈمنى شەرققە كۆچۈرۈپ كەلگەن. پادىشاھلىقنىڭ زېمىنى بىرنەچچە سۇيۇرغاللىققا بۆلۈپ بېرىلگەن، سۇيۇرغالغا ئىگە بولغان ئەھلىسەلىپ رىتسارلىرى مۇددەتسىز ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. بويسۇندۇرۇلغان رايونلاردىكى دېھقانلار يانچى ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالغان. پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئاجىزلىشىپ، فېئوداللىق تەپرىقىچىلىك ۋەزىيەت ئېغىرلاشقان، دېھقانلار قوزغىلىڭى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ، دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. 1144 - يىلى مۇسۇلدىكى ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانلىرى ئېدېسسانى ئشغال قىلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لېكىن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. 1187 - يىلى سالاھىدىن ئېرۇسالىمنى قايتۇرۋالغان. غەربىي ياۋرۇپا فېئوداللىرى يەنە ئۈچىنچى قېتىم ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى تەشكىللەپ، ئېرۇسالىمنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجە چىقىرالمىغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پادىشاھلىقنىڭ قېپقالغان زېمىنلىرى مىسىر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1291 - يلى سىياىي مەركىزىي ئاكرې شەھىرى مىسىر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، پادىشاھلىق مۇنقەرز بولغان.