Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىپتىدائىي ئات
بىئولوگىيە
قەدىمكى ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى، ھازىرقى ئاتلارنىڭ ئەجدادى، تاش قالدۇقى ئۈچىنچى دەۋرنىڭ دەسلىپىدىكى يەر قاتلاملىرىدىن تېپىلغان. بەدەن شەكلىنىڭ چوڭلۇقى تۈلكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئالدى پۇتى تۆت بارماقلىق، بىرىنچى بارمىقى يوقالغان، ئوتتۇرا بارمىقى يېنىدىكى ئىككىنچى، تۆتىنچى بارماقلىرىغا قارىغاندا چوڭراق؛ بەشىنچى بارمىقى تېخىمۇ كىچىك. كەينى پۇتى بەش بارماقلىق، لېكىن بىرىنچى، بەشىنچى بارماقلىرى رۇدىمېنتلىشىپ ناھايىتى كىچىك بىر قالدۇقلىرىلا قالغان. ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۈچىنچى بارمىقىلا بولىدۇ. دۈمبە ئومۇرتقىسى ئېگىلەلەيدۇ، ئېزىق چىشىنىڭ چىش تاجى پەس. سۇبتروپىك بەلباغلاردىكى پاكار دەرەخزارلىقلاردا ياشاپ يۇمران دەرەخ يوپۇرماقلار بىلەن ئوزۇقلانغان. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە دەسلەپكى يېڭى دەۋردە ياشىغان، ھاۋا كىلىماتىنىڭ قۇرغاقلىشىشىغا ئەگىشىپ سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر زور كۆلەمدە پەيدا بولغان. 35 مىليون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن ئىلگىرىكى تەدرىجىي يېڭىلىنىش دەۋرىگە كەلگەندە ئىپتىدائىي ئاتتىن تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ كەلگەن ئوتتۇرانچى ئاتلار پەيدا بولغان.