Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىپتىدائىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى ھالىتى، باسقۇچى.
ئىپتىدائىي جامائەدە كىشىلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، تاپقىنىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولاتتى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە باشلانغۇچ بىلىملىرىنى ئالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئەڭ دەسلەپتىكى، ئەڭ يىراق قەدىمكى زاماندىكى، دەسلەپكى، باشلانغۇچ.
ئىپتىدائىي دەۋر. ئىپتىدائىي مەكتەپ.
ئەڭ ئاددىي، ساددا، يۈزەكى.
بۇ خىل ئىپتىدائىي ھېسسىيات ھەممىلا كىشىدە بولىدۇ.