Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىپتىدائىي جەمئىيەت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پەلسەپە
ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى جەمئىيەت. ئۇ ئىپتىدائىي توپ (گۇرۇپپا) لارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن باشلاپ ئانىلىق ئۇرۇق جامائەسى، ئاتىلىق ئۇرۇق جامائەسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىپتىدائىي جامائە پارچىلانغانغا قەدەر داۋام قىلغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تۆۋەن ھالەتتە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولغان. كىشىلەر بىرلىكتە ئىشلەپ، بىرلىكتە ئىستېمال قىلغان، ئېكىسپىلاتاتسىيە، سىنىپ بولمىغان. كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا قۇلدارلىق جەمئىيەت ئىگىلىگەن.