Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1290 - 1922) ئوسمانلى تۈركلىرى ۋە كىچىك ئاسىيانى مەركەز قىلىپ قۇرلغان ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا قىتئەلىرىنى ھالقىغان ئىسلام دۆلەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇلار ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى، تۈركىيە سۇلتانلىقى دېيىلىدۇ. ئوسمانلىلار ئەسلىي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئامۇ دەرياسى بويى (تۈركىستان) دىكى غەربىي تۈركىي قوۋمىنىڭ ئوغۇزلىرىدىن بولۇپ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرى موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقى ئەل توغرۇل 400 دىن ئارتۇق تۇتۇقنى باشلاپ غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ئاناتولىيىگە بېرىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن (بەزىلەر ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چېغىدىلا ئىسلام دىنىغا كىرگەن دەيدۇ). ئۇلار سالجۇق تۈركلىرىنىڭ رۇم سۇلتانلىقىغا بويسۇنۇپ، ئاناتولىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قاراجەدە رايونىغا ماكانلاشقان ھەمدە چېگرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەل توغرىل قوشنىسى ۋىزانتىيىنىڭ قولىدىن سۆغۇت، دومانىچ قاتارلىق يەرلەرنى تارتىۋالغان. بۇ يەرلەر ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مەنبەسى بولغان. ئوسمان 1 (1258 - 1324) دادىسىدىن كېيىن قەبىلىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ۋىزانتىيىنىڭ قارا جاشسال، بلەجىق، يارھىسار قاتارلىق زېمىنلىرىنى داۋاملىق ئىشغال قىلىپ، يېنىشېھىرنى مەركەز قىلغان. رۇم سۇلتانلىقى ئۇلار ئىگىلىۋالغان زېمىننىڭ شۇلارغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلغان. رۇم سۇلتانلىقى پارچىلانغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوسمان 1299 - يىلى رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاپ، دۆلەتنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى سالغانلىقتىن، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. ئوسماننىڭ ئوغلى ئورھان (1324 - 1360) 1324 - يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن بۇرسانى ئىشغال قىلىپ، پايتەختنى شۇ يەرگە كۆچۈردى. <سۇلتان> نامىنى قوللىنىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلدى، شەرىئەتنى يولغا قويدى، مەسچىت ۋە مەدرىسلەرنى سالدى. سىرتقا داۋاملىق كېڭىيىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، كىتېيە، نىكومېدىيە، سكوۋتارى، ئەنقەرە قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. كۈچى مارمالا دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى رايونلارغا ۋە گارىبالدى يېرىم ئارىلىغىچە كېڭەيدى. زاپاس ئارمىيە ۋە گارنىزون قۇردى. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەشكىلاتلىرىنى بېكىتتى. مەركەزدە دىۋان، ۋەزىر تەسىس قىلدى. جايلارغا بەگ ۋە قازى ئەۋەتتى. بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن پۇل قويدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئادەم ئوسمانلى ئىمپېرىىسىنىڭ ھەقىقىي قۇرغۇچىسى بولدى. 1360 - يىلى سۇلتان مۇراد 1 (1360 - يىلىدىن 1389 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبقا كېڭىيىپ، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. 1362 - يىلى كەڭ كۆلەمدە ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، ئەدرىنەنى ئىشغال قىلدى ھەمدە شۇ يەرنى پايتەخت قىلدى. شۇنىڭغا ئۇلاپلا غەربىي تراس، ماكېدونىيە، سوفىيە، سارونىنى ۋە گرېتسىيىنىڭ غەربىي قىسىمىنى بويسۇندۇرۇپ، بۇلغارىيە ۋە سېلۋىيە ھۆكۈمرانلىرىنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. 1389- يىلىدىكى كوسوۋو ئۇرۇشىد سېرۋىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. سۇلتان بايەزىد 1 (1389- يىلىدىن 1402 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بالقان رايونىنى بويسۇندۇرۇپ، ئاناتولىيىدىكى تۈرك سالجۇقلىرىنىڭ ئەمىر خانلىقلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كەلتۈردى. 1394 - يىلى مىسىردىكى مەملۇك سۇلالىسى قوللاۋاتقان خەلىپە مۇتەۋەككىلنى ئۆزىنى <رۇم سولتانى> قىلىشقا قىستىدى. تۆمۈرلەڭ 1402 - يىلى قوشۇن باشلاپ كىچىك ئاسىياغا ھۇجۇم قىلدى. ئوسمانلى قوشۇنى مەغلۇپ بولدى. بايەزىد Ⅰ ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلدى. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالدى. سۇلتان مۇھەممەد 1 (1403 - يىلىدىن 1421 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، تۆمۈرلەڭ بېسىۋالغان زېمىنلارنى تارتىۋالدى. 1444 - يىلى مۇھەممەد 2 (1421 - يىلىدىن 1451 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ياۋروپادىكى خرىستىئان پادىشاھلىقلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، بوسنىيە ۋە سېرۋىيىنى يەنە بويسۇندۇرۇپ، ياۋروپا، ئاسىيادا ئۆزىگە قاراشلىق رايونلاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلدى.
سۇلتان مۇھەممەد Ⅱ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئىمپېرىيە گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى. 1453 - يىلى گونستانتىتنوپولنى قولغا ئېلىپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيسىنى يوقاتتى. كونستانتىنوپول (بۇ ئىسىم كېيىن ئىستامبولغا ئۆزگەرتىلدى) ئىمپېرىيىنىڭ يېڭى پايتەختى قىلىندى ھەمدە سوفىيە چىركاۋىسى مەسچىتكە ئۆزگەرتىلدى. ئۇ شەرىئەت تۈزۈپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈدى، ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان ئارمىيىنى كېڭەيتتى. يېڭىدىن بويسۇندۇرۇلغان جايلاردا ئىسلاملاشتۇرۇشقا دائىر ھەر خىل سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. باشقا دىنىي تەشكىلاتلارغا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان <مىللەت تۈزۈمى> نى يولغا قويدى. ئىگىلىكنى گۈللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلقىنى مۇستەھكەملەپ، سىرتقا كېڭىيدىغان كۈچىنى كۈچەيتتى. 1459 - يىلىدىن 1478 - يىلىغىچە سېرۋىيە، بوسىنىيە، قىرىم، ئالبانىيە، پېلوپوننېسوس يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى ھەمدە كىچىك ئاسيانى بىرلىككە كەلتۈردى. 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى سۇلتان سەلىم 1 (1512 - يىلىدىن 1520 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئىراندىكى سەفەۋىيە سۇلالىسىنى ۋە مىسىردىكى مەملۇك سۇلالىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، قاھىرەدە ئەسىر ئالغان خەلىپە مۇتەۋەككىلنى نەزەبەنت قىلىپ، ئۆزى خەلىپە بولدى. مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق ئەرەب زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلدى. مەككىدىكى شەرىف ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە سۇلتانغا ئىسلام دىنىنىڭ نۇرغۇن مۇقەددەس بۇيۇملىرنى ئىنئام قىلدى. سۇلتان سۇلەيمان 1 (1520 - يىلىدىن 1566 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈچى ئىنتايىن ئۇلغايدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئىراق، لىۋان، ھىجاز يەمەن قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇردى ۋە كونترول قىلدى. ماراكەشتىن باشقا، مەغرىب رايونىنى ئۆزىگە قاراتتى ھەمدە شەرقىي غەربىي ياۋروپاغا ھەربىي ئەمەلدارلارنى، قازىلارنى، تەبلىغاتچىلارنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلدى. ئىمپېرىيە گۈللەنگەندە زېمىنى شەرقتە كافكاز ۋە پارس قولتۇقىدىن تارتىپ، جەنۇبتا ئافرىقىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغىچە، غەربتە ماراكەشكىچە، شىمالدا ئاۋسترىيە چېگرىسىدىن جۇڭگو چېگرىسىنىڭ ئىچىگىچە يېتىپ، بۈگۈنكى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى 40 قا يېقىن دۆلەت ۋە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، زېمىن كۆلىمى ئالتە مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى.
سۇلايمان Ⅰ ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى تەدرىجىي زەئىپلەشتى. ئىچكى جەھەتتە بۆلۈنۈش كۈچەيدى. يەر يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتى. دېھقانلارنىڭ سېلىقى ئېغىرلىدى. دۆلەت مالىىسىدە كرىزىس بولدى. دۆلەت ئىچىدە مىللىي زۇلۇم ئېغىرلاشتى. سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەت كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشتى. كىچىك ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نۇرغۇن قېتم دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ 17 - 16 -ئەسىرلەردىكى جەلال ھەرىكىتى ۋە 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىستامبولدىكى پاترونا، مەسىل قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن، كۆلىمى چوڭ بولۇپ، ئىمپېرىيىنڭ سىياسىي ئاساسىنى لىڭىشىتىپ قويدى. 1683 - يىلى ۋىناغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولۇپ، نۇرغۇن زېمىندىن ئايرىلىپ قالدى. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى رۇسىيە بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا كەتكۈزۈپ قويدى. قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى زېمىنىنى رۇسىيىگە ئايرىپ بەردى. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى. مىسىر، سۈرىيە، يەمەن تۈركىيىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدى. بالقان يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەر ئىلگىرى - كېيىن مۇستەقىل بولدى. ئىمپېرىيە ئاجىزلاشقاندا، بىر قىسىم سىياسەتچىلەر كرىزىستىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئىچكى جەھەتتە 1789 - يىلىدىن 1839 - يىلىغىچە <يېڭى تەرتىپ ھەرىكىتى>، 1839 - يىلىدىن 1856 - يىلىغىچە <تەنزىمەت> ھەرىكىتى، 1876 - يىلىدىن 1878 - يىلىغىچە ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويدى. سۇلتان ھەمىد 2 (1876 - يىلىدىن 1909 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) پان ئىسلامىزمنى تەرغىب قىلىپ، ئىمپېرىيىنىڭ لىڭشىپ قالغان ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. لېكىن، بۇ ئىشنىڭ تۈزۈك ئۈنۈمى بولمىدى. بەلكى غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولدى. كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىمپېرىيىنىڭ ياۋروپا، ئافرىقا، غەربىي ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم زېمىنىنى تارتىۋالدى ۋە بۆلۈشۈۋالدى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيىدىن باشقا، ھەممە زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالدى. 1919 - يىلى دۆلەت ئىچىدە مۇستاپا كامال رەھبەرلىك قىلغان بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى پارتلىدى. 1922 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۇلتان مۇھەممەد Ⅵ نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سۇلتانلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلغانلىقىنى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە سىرتقا كېڭىيىشكە ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادا 3 - قېتىم ئومۇملىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 15 - ئەسىردىن 19 - ئەسىرگىچە تۈركىيە ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشلىقى بولدى. ئىمپېرىيىدە سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسى ئاساس قىلىندى. ھەنەفىيە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئۆلچىمى قىلىندى. ئىمپېرىيە ئىسلاملاشتۇرۇشقا دائىر ھەر خىل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، مەركەزدە <ئىسلام كومىتېتى> قۇرۇپ، ئالىي دىنىي ھوقۇقلۇق ئورگان قىلدى. بۇ ئورگان شەيخۇلئىسلام، قازى، مۇپتى، ئۆلىمالاردىن تەكىب تاپتى. بۇ ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى شەرىئەتكە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش؛ مەسچىتلەرنى، دىنىي فوندىنى ۋە خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش؛ مەدرىسلەرگە ۋە پۈتۈن مەملىكەتلىك دىنىي ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى. سۇلتان شەيخۇلئىسلامنى دىنىي ياردەمچىلىككە تەيىنلىدى. شەيخۇلئىسلام سۇلتاننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن دىنىي پەرمان ۋە پەتىۋا چىقاردى. ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانلىرىنى تەكشۈردى، سۇلتاننىڭ تەختكە چىقىش مۇراسىمىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ ئاستىدا <ئۆلىمالار كېڭىشى> ۋە <شەرىئەت ئەھكامى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش كومىتېتى> تەسىس قىلدى. شەيخۇلئىسلام باشچىلىقىدىكى ئۆلىمالار تەبىقىسى يۇقىرى ئىجتىمائىي ئورۇندىن ۋە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولدى. ئىمپېرىيە شەرىئەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ھەق تەلەپ، جىنايى ئىشلار، ۋەخپى، سودا ۋە مەمۇرىي ئىشلارغا دائىر - قانۇن - قائىدىلەرنى تۈزۈپ، شەرىئەتنى مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. مەركەزدىن تارتىپ جايلارغىچە مەھكىمە شەرئىلەرنى قۇردى. ئەدىلىيىدە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلدى. 16 - ئەسىردىن 18 - ئەسىرگىچە ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدە ئەتتەرىقەتى سۇفىە ئىنتايىن جانلىنىپ كەتتى، مەۋلەۋىيە، بېكتاشىيە، ئەل رىفائى قاتارلىق پىرقىلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھۆرمەتلەندى. سۇلتان ئۇلارغا نۇرغۇن ۋەخپىي يەر دىنىي فوند ئىنئام قىلدى. قادىرىيە، يەسەۋىيە، خەلۋەتىيە، نەقىشبەندىيە، چېشتىيە قاتارلىق دىنىي پىرقىلەر ئەل ئىچىگە كەڭ تارقالدى. جايلاردا تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ نۇرغۇن زاۋىيەلىرى ۋە مازارلىرى سېلىنىپ، مازار - ماشايىخلارنى تاۋاپ قىلىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. مەككىدىكى ۋە جايلاردىكى سەئىدلەر (پەيغەمبەرلەر ئەۋلادلىرى) غا ئىمپېرىيە نۇرغۇن يەرنى تارتۇق قىلىپ، ئۇلارنى دىنىي ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولدى.
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئىسلام ئىلمىي مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئىسلام مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاسار ئەتىقىلەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەردى. نۇرغۇن دىنىي فوند سەرپ قىلىپ مۇھىم شەھەرلەردە ھەيۋەتلىك چوڭ جامەلەرنى، دىنىي ئۇنىۋېرسىتېت ۋە كىتابخانىلارنى سالدۇردى. پايتەخت ئىستامبولدىلا 400 دىن ئارتۇق مەسچىت سېلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سۇلتان ئەھمەد جامەسى ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. سۇلتان غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ مەسچىدىل ھەرامنى، مەسچىتى بەنىنى كېڭەيتىپ سالدۇردى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ مەقبەرىسىنى ياساتتى. يېڭىدىن بويسۇندۇرغان شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادا نۇرغۇن مەسچىت سالدۇردى. ئالبانىيىدە نۇرغۇن مەسچىت ۋە مەدرىسە سالدۇردى. بۇداپىشتتا 60 مەسچىت، 10 مەدرىسە ۋە كىتابخانا سالدۇردى. يۈگۈسلاۋىيىدە 20 نەچچە مەسچىت ۋە مەدرىسە سالدۇردى. 16 - ئەسىردىن 18 - ئەسىرگىچە ئىمپېرىيىدە ئىسلام مەدەنىيىتى زور تەرەققىي قىلغان دەۋر بولۇپ، <قۇرئان كەرىم>، ھەدىس، ھەنەفىيەلەرنىڭ فىقھە كىتابىرى ۋە ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيىگە دائىر ئەرەبچە كىلاسسىك ئەسەرلەر تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تارقىتىلدى. تۈرك ئۆلىمالىرى 17 - ئەسىردىن باشلاپ تۈرك تىلىدا ئەسەر يېزىشقا كىرىشتى. ئوردا ۋە جايلاردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا، ئىلمىي تەۋھىد، ئىلى فىقھە، تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن خىزمەت كۆرسىتىلدى. نۇرغۇن مەشھۇر ئۆلىمالار بارلىققا كەلدى. دۆلەت ئۆلىمالارنى <تۈركىيە ئىسلام قامۇسى> يېزىشقا ۋە <ئۇلۇغ شەرق> ژۇرنىلى چىقىرىشقا ئۇيۇشتۇردى. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى سۇلتان ھەمىد Ⅱ ئسلام دىنىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تەرغىب قىلىپ، ئۆزىنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ داھىيىسى، دېدى ھەمدە جايلارغا ۋەكىل ئەۋەتتى. ھىندىستاندا <خەلىپە ھەرىكىتى> نى قوزغىدى. لېكىن، بۇ ئىشنىڭ تۈزۈك نەتىجىسى بولمىدى. ئىمپېرىيە ئۆز زېمىنىدىكى ۋە ئۆزىگە قاراشلىق جايلاردىكى باشقا دىنلارغا نىسبەتەن <مىللەت تۈزۈمى> نى يولغا قويۇپ، باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ مىللەت، دىن، تىل، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا، بۇرۇنقى ئۆرپ - ئادەت ۋە قانۇن - تۈزۈملىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا يول قويدى. ئۇلارغا ھۆكۈمەت ئارىلاشمىدى.