Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوسمان دەن فودىئو
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1754 - 1817)غەربىي ئافرىقىدىكى ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ۋە جىھادنىڭ داھىيىسى. قادىرىيەنىڭ ئىمامى. سوكوتو سۇلتانلىقىنى قۇرغان ئادەم. فۇلبى قەبىلىسىدىن، كىچىكىدە دادىسىدىن ئەنئەنىۋى دىنىي تەربىيە ئالدى. كېيىن تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما ئاغداسنى ئۇستاز تۇتۇپ، يېڭى سوپىزمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىماننى پاكلاپ، قەبىلە ئادەتلىرىنى بۇزۇۋېتىپ، ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. 1774 - يىلىدىن باشلاپ سوكوتو ئەتراپىدا ۋائىزلىق قىلىپ، زور كۈچ شەكىللەندۈردى ھەمدە گوبىل شاھزادىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى. 1797 - يىلى گوبىل دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئادەملىرىنى باشلاپ، باشقا يەرگە كەتتى. 1802 - يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى. 1804 - يىلى جىھاد قىلىپ گوبىل قوشۇنىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. 1808 - يىلى خوسا رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىككىنچى يىلى سوكوتو خەلىپىلىكى قۇردى (كېيىن سۇلتانلىققا ئۆزگەرتتى). 1218 - يىلى شىمالىي نىگېرىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇردى. كۈچى نىگېرىيە ۋە چادقا كېڭەيدى. كېيىن دۆلەتنى ئوغلى ۋە ئۇكىسىنىڭ بۆلۈپ ئىدارە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، دىن ۋە سوپىزم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. <قادىرىيە ناخشىسى>، <قېرىنداشلارغا نەسىھەت>، <دىل نۇرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.