Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوركومېنوس
دۇنيا تارىخى
مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگىچە بولغان خارابە. گرېتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بوئېئوتىيە رايونى كوپائىس كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىدىكى ئېدىرلىقنىڭ ئاستىغا جايلاشقان. ئۇ گرېتسىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىن تېپىلغان ئەڭ شىمالىدىكى مىكىناي مەدەنىيىتىنىڭ خارابىسىدىن ئىبارەت. مىلادىدىن 364 يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم قېزىپ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدا جەمئىي تۆت قەۋەت ئولتۇراق جاي خارابىسى بولۇپ، ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە، ئۇنىڭ ئۈستى برونزا قورال دەۋرىگە، ئۈچىنچى قەۋىتى برۇنزا قورال دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە مەنسۇپ خارابىلەردۇر. مىكېناي دەۋرىگە كەلگەندە سېپىل بىنا قىلىنغان بولۇپ، ھازىر سېپىل، ئىبادەتخانا، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ خاربىلىرى ۋە <مىنئاسنىڭ قەبرىسى> دەپ ئاتالغان گۈمبەز تېپىلغان، قەبرىنىڭ تورۇس تەرىپى بۇزۇلۇپ كەتكەن، قەبرە يولىدىن پەقەت 14 مېتىرلا ساقلىنىپ قالغان.