Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئورگان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش بېجىرگۈچى تەشكىلاتلار، خىزمەت ئورۇنلىرى.
<ئىدارە، مەھكىمە، باشقارما، بيۇرو> لار خىزمەت سىستېمىسى بويىچە تەسىس قىلىنغان مەخسۇس ئورۇنلار.
<ئاپپارات، ئورگان، مۇئەسسەسە> لەر مەۋھۇم تەشكىلاتلار بولۇپ، مەخسۇس ئورۇننى كۆرسەتمەيدۇ.
مالىيە ئىدارىسى. ۋالىي مەھكىمىسى. تەشۋىقات باشقارمىسى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى. ئاپپاراتلارنى ئىخچام، قوشۇننى خىل قىلىش كېرەك. يېڭى مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلدى. ئورگانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش لازىم.
بىئولوگىيە
جانلىقلار تېنىدىكى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە خىل تىپتىكى توقۇلمىلارنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن تۈزۈلۈش بىرلىكى. مەسىلەن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز، غول ۋە يوپۇرمىقى ئوزۇقلىنىش ئورگىنى، گۈل، مېۋە ۋە ئۇرۇقى كۆپىيىش ئورگىنى بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ يۈرەك ۋە قان ئايلىنىش ئورگىنى، جىگەر، ئاشقازان، ئۈچەي ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ھەزىم قىلىش ئورگىنى، تېستېس ۋە توخۇمدان كۆپىيىش ئورگىنى بولىدۇ. ھەر بىر ئورگان بەلگىلىك مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك ۋە توقۇلما تۈرىگە ئىگە بولۇپ، بەلگىلىك فىزىئولوگىيىلىك رولىنى ئۆتەيدۇ. مەسىلەن، كىچىك ئۈچەي ئېپىتېلىىيە توقۇلمىسى، شالاڭ قوشقۇچى توقۇلما، سىلىق مۇسكۇل، نېرۋا ۋە قان تومۇر قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ سىرتقى شەكلى كانايسىمان بولىدۇ. ئۇ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
>بىئول< ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە ئومۇمەن جانلىق ئورگانىزملارنىڭ مەلۇم بىر فۇنكسىيىنى بېجىرىدىغان قىسمى؛ ئەزا.
سېزىش ئورگىنى. ئاڭلاش ئورگىنى.
بىرەر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىدىغان مۇئەسسەسە، تەشكىلات؛ ئىش بېجىرگۈچى تارماق؛ ئىدارە.
مەمۇرىي ئورگان. ھەربىي ئىشلار ئورگىنى. ئورگان خىزمىتى. ئورگان گېزىتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە>گرېكچە
مۇزىكا
تىللىق چالغۇ ئەسۋابى. شەكلى ئۇزۇن تۆت چاسا ساندۇققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە مىستىن ياسالغان تىللىرى بار، ئۈستى تەرىپىگە بېسىش كۇنۇپكىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، شۇ كۇنۇپكىلار بېسىلسا تىللار ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئاياغ تەرەپتە تەپكۈچ بولۇپ، ئاياغ بىلەن تېپىلگەندە شامال ساندۇقىدا يەل پەيدا بولۇپ مىس تىللارنى تەۋرىتىپ ئاۋاز پەيدا قىلىدۇ.