Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئورگانىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
روسچە
ئورگانىزمغا، جانلىق مەۋجۇداتقا ئائىت، تىرىك مەۋجۇداتلار بىلەن باغلىق بولغان؛ تىرىك، جانلىق.
ئورگانىك دۇنيا.
ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چىرىشىدىن ھاسىل بولغان؛ تىرىك ئورگانىزملار مەھسۇلىدىن ئېلىنغان.
ئورگانىك ماددا. ئورگانىك ئوغۇت.
كاربون بىرىكمىلىرىگە ئالاقىدار بولغان.
ئورگانىك خىمىيە. ئورگانىك ئەينەك. ئورگانىك بوياق.
بىرەر كىم ياكى نەرسىنىڭ ئاجرالماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان؛ ئەڭ يېقىن.
ئەسەر ۋەقەلىكلىرى، پىرسوناژلار ئوبرازى، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تەبىئەت تەسۋىرلىرى بىلەن ئورگانىك بىرلىككە ئىگە بولۇش لازىم.