Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئون ئۈچ كىتاب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ئون ئۈچ دەرسلىك> مۇ دېيىلىدۇ. جۇڭگو مەدرسىلىرىدە قوللىنىلىدىغان ئون ئۈچ خىل دەرسلىك كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ <تۇتاش بەش كىتاب>، <زەۋئۇل مىسباھ>، <گرامماتىكا قامۇسى>، <ئىستىلىستىكا>، <مەتنۇل ۋىقايە>، <تەفسىر جەلالەين>، <قازى>، <ئىلمىي تەۋھىد، >خۇتبە<، >گۈلىستان<، >مىرساد< ۋە >ھۈسەين< نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقى سەككىز كىتاب ئەرەبچە، كېيىنكىلىرى پارسچە بولۇپ، مەزمۇنى ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى، ئىستىلىستىكا، ئىلمىي فىقھە، پەلسەپە، ئەدەبىيات، ئىلمىي تەپسىر قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. تالىپلار 13 كىتابنى ئوقۇپ بولغاندا ئىما ياكى مۆتىۋەللى ئۇلارغا تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئاخۇنۇملار كىيىدىغان تون تەقدىم قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىسپاتى قىلىدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ۋاڭ كۇەن خەنزۇچە ۋە ئەرەبچە دەرس ئۆتۈلىدىغان ھازىرقى زامان مائارىپىنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىلگىرى، پايتەخت مەدرىسىدە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەدرىسلەردە (بولۇپمۇ شەندۇڭلۇق ئۆلىمالارنىڭ مەدرىسلىرىدە) بۇ دەرسلىكلەر كۆپ قوللىنىلدى.