Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئون ئەۋلىيا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدا چوقۇم جەننەتكە كىرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان ئون ئەۋلىيا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى، تەلھە، زەبەھىر ئىبنى ئەۋۋام، ئابدۇرەھمان بىننى ئەۋف، سەئىد بىننى ئەبى ۋەققاس، سەئىد بىننى زەئىدتىن ئىبارەت. بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، بۇ ساننى ئون قىلىدۇ. بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھېسابلىماي، ئەبۇ ئەبەيدە ئىبنى جەرراھنى قوشىدۇ.