Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئون ئالتىنچى ئاپرېل ۋەقەسى
دائىرە: دۇنيا تارىخىياپونىيە ھۆكۈمىتىنڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنى باستۇرۇش ۋەقەسى. <15 - مارت> ۋەقەسىدىن كېيىن تاناكا گىئىچى ھۆكۈمىتى كوممۇنىستلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان. 1929 - يىل 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تاڭ سەھەردە بىر ۋىلايەت، ئۈچ مەھكىمە، 24 ناھىيىدىن بولۇپ جەمئىي 700 نەپەردىن ئارتۇق كوممۇنىست ۋە ئىلغار زاتنى قولغا ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 290 كىشى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان، بۇ قېتىمقى چوڭ باستۇرۇش ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەشكىلاتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. پارتىيىنىڭ كۆپچىلىك رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.