Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆرە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىقىلماي، ئېگىلمەي تۇرغان ھالەت
بوش تاغار ئۆرە تۇرماس. ئولتۇرۇپ ئىش قىلساڭ، تىڭ تۇرۇپ دەم ئال.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
خۇددى، بەئەينى. مەسىلەن: بۇ بالا ئۆرە دادىسىغا ئوخشايدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. باشقا جايغا نىسبەتەن ئېگىز، يۇقىرى.
بۇ يەر بەك ئۆرە ئىكەن.
سۈپ. تىك، يېتىۋالمىغان.
ئۆرە ياقا. ئۆرە ياقىلىق چاپان.
رەۋ. تىك ھالەتتە، تىكلەنگەن قىياپەتتە.
ئۆرە تۇرماق. ئۆرە ئولتۇرماق. ئۆرە مېڭىپ يۈرمەك.
سۈپ. كۆچمە. باھاسى، قىممىتى جەھەتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن؛ قىممەت.
ئۆرە باھا.
گىرۋەكلىىر تىك، يايپاڭ ئەمەس.
ئۆرە چۆچەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈكلەنمە
دىئال. خۇددى، بەئەينى.
بۇ بالا ئۆرە دادىسىغا ئوخشايدىكەن.