Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆرلەندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆرلىدى، پەيدا بولدى.
بۇلىت ئۆرلەندى _ بۇلۇت ئۆرلىدى ( ئۆرلەنۈر _ ئۆرلەنمەك). ئەڭ چىرايلىقى ( ئۆردى) دەپ سۆزلەشتۇر. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئاي قاپۇغ ئەۋلەنۈپ
ئاق بۇلىت ئۆرلەنۈپ
بىر بىر ئۈزە ئۈكلۈنۈپ
ساچىلىپ سۇۋى ئاڭراشۇر
{ئاي قوپۇپ قوتانلىنىپ،
ئاق بۇلۇتلار ئۆرلىشىپ،
بىر - بىرىنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلىنىپ،
سۈيى چېچىلىپ شارقىرار.}
ئاي چىقىپ قوتانلىنىش بىلەنئاق بۇلۇتلار كۆتۈرۈلۈپ، بىر - بىرىنىڭ ئۈستىگە مىنگىشىدۇ _ دە، شارقىراپ سۈيىنى تۆكىدۇ. ئاي قوتانلانغاننى تۈركلەر «يامغۇر ياغىدۇ» دېگەنگە جورۇيدۇ.
1 - 341