Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆلۈم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىرىك ئورگانىزىمدا ھاياتى پائالىيەتنىڭ توختىشى، تۈگىشى.
ئۆلۈم جازاسى. ئۆلۈمگە ئامال يوق. ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي. دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق. قورققاننى ئەجەل قوغلار. بەتنام ياشىغاندىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەل، مەقسەتكە يەتمەي يەپ كەتسە ئەجەل. سەۋەب قىلساڭ، زاۋال يوق، قىلالمىساڭ، ئامال يوق. ھەركىم زۇلۇم قىلسا، دۆلىتى زاۋال تاپار. قازا كەلسە، قوشۇقتىكى سۇدىن قاقىلىپ ئۆلەر. بەخت تاغنى جۈپ قىلار، قازا جۈپنى تاق قىلار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆلۈش پەيتى، ئۆلۈش ھادىسىسى، ۋەقەسى.
ئۆمۈر، كۆرۈم، ھايات
ياشاش مەزگىلى ۋە ياشاش ئىشى.
ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق. ئەلچىگە ئۆلۈم يوق. دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. پۇل ئەجەلگە دالدا بولالماس. قازاغا رىزادىن ئۆزگە چارە يوق. ئۆمۈر شامال ئالدىدىكى چىراغ. ھاياتىڭ قانداق بولسا، ئۆلۈمىڭ شۇنداق بولار. يامانغا ئۆلۈم يوق، ياخشىغا كۆرۈم. قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر. توشقاننىڭ ئۆلۈمىگە تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ. دۇنيا بويىچە ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 65 ياش، ئادەملەرنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن مەملىكەت ياپونىيە، 77 ياش. ئەڭ قىسقا مەملىكەت ئافغانىستان، 42 ياش.
ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ مىليونلىغان ئەل،
قانلىق مەيدانغا چۈشتى مەھكەم باغلاپ بەل.
بۇ يولدا ئاقىدۇ قانلار بولۇپ سەل،
بۇ كۈرەش مەقسىتىمىزنى قىلغۇسىدۇر ھەل.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆلۈم.
1 - 103
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئورگانىزمدىكى ھاياتىي پائالىيەتنىڭ توختىشى، تۈگىشى؛ تىرىك ئورگانىزم ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى؛ ھالاكەت، يوقىلىش.
ئۆلۈم جازاسى. ۋاقىتسىز ئۆلۈم. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنماق.