Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆلۈك دېڭىز
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ئۆلۈك دېڭىز ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى پەلەستىن بىلەن ئىئوردانىيە ئارىسىغا جايلاشقان، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى80 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى5 كىلومېتىردىن18 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، كۆلىمى1049 كۋادرات كىلومېتىر، ھەرقايسى جايلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىمۇ ئوخشاش ئەمەس، شىمالىي قىسمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى356 مېتىر كېلىدۇ، جەنۇبىدىكى تېيىز جايلىرى ئارانلا1 مېتىردىن4 مېتىرغىچىلا كېلىدۇ. كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن400 مېتىر تۆۋەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ پەس كۆل ھېسابلىنىدۇ.
ئۆلۈك دېڭىز دۇنيادىكى ئەڭ پەس كۆل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەڭ تۇزلۇق كۆل ھېسابلىنىدۇ. كۆل يۈزىنىڭ تۇزلۇقلۇقى‰ 205 غا يېتىدۇ، چوڭقۇر قىسمىنىڭ تۇزلۇقلۇقى ‰ 300دىن ئاشىدۇ، يەنى دېڭىز سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇزلۇقلۇقىنىڭ يەتتە ھەسسىسىدىن ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۆلۈك دېڭىز سۈيىنىڭ تۇز مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، تۇزلۇق سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى چوڭ بولغاچقا، ئادەم ئۆلۈك دېڭىزدا سۇغا چۈشسە چۆكۈپ كەتمەيدۇ، سۇ ئۈزسە قۇرۇقلۇقتا ئۆمىلىگەندەك بولىدۇ.
ئۆلۈك دېڭىز سۈيىنىڭ تۇز مىقدارىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب: ئۆلۈك دېڭىزغا پەقەت ئىئوردان دەرياسى، خاسا دەرياسى قاتارلىق ئاز ساندىكى بىرنەچچە دەريانىڭلا سۈيى قۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەريالار ئېقىپ ئۆتىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسى چۆللۈك، قۇم جىنس ۋە ھاك جىنسلىق بەلۋاغلار بولغاچقا، دەريا سۈيىدە زور مىقداردىكى مىنېرال ماددىلار ئېرىپ، ئەڭ ئاخىردا دەريا سۈيى بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ئۆلۈك دېڭىز رايونىنىڭ ئىقلىمى قاتتىق ئىسسىق ھەم قۇرغاق، كۆل سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى يۇقىرى بولۇش سەۋەبلىك ئۆلۈك دېڭىزنىڭ سۇ ئورنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، تۇزلۇقلۇقى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۆلۈك دېڭىزدىكى ئاش تۇزى4 مىليارد ئادەمنىڭ2000 يىل يېيىشىگە يېتىدىكەن.
تەركىبىدىكى تۇز مىقدارى بۇنداق يۇقىرى بولغان كۆلدە جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ئىنتايىن قىيىن، شۇڭا كۆلدە بېلىق، راك قاتارلىق ھايۋانلارمۇ، ئوت - چۆپ، قومۇش قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرمۇ يوق، ھەتتا كۆل ئەتراپىدىمۇ ھېچقانداق دەل - دەرەخ ۋە گۈل - گىياھ ئۆسمەيدۇ، پۈتكۈل كۆل رايونىدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن، كۆل سۈيىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوق، شۇڭا بۇ كۆل »ئۆلۈك دېڭىز« دەپ ئاتالغان.
»ئۆلۈك« دېڭىزنى »تىرىك« دېڭىزغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالىملار قانال قېزىپ، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ئۆلۈك دېڭىزنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا. ئەگەر بۇ تەسەۋۋۇر ئەمەلگە ئاشسا، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ دېڭىز يۈزى ئۆلۈك دېڭىزنىڭكىدىن392 مېتىر يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ سۈيى تەبىئىي ھالدا قانال ئارقىلىق ئۆلۈك دېڭىزغا ئېقىپ كىرەلەيدۇ، سۇنىڭ چۈشۈش پەرقىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشقىمۇ بولىدۇ، ئۆلۈك دېڭىزمۇ ئاستا - ئاستا »قايتا تىرىلەلەيدۇ«.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي ئاسىيادىكى ئىئوردانىيە بىلەن پەلەستىن ئارىلىقىغا جايلاشقان دېڭىز، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 75 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 16 كىلومېتىر، مەيدانى 1020 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 146 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر جايى 392 مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ سۇ يۈزى يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۇ يۈزىدىن 392 مېتىر پەس بولۇپ، دۇنيادا قۇرۇقلۇقلار ئىچىدىكى يەر ۋەزىيىتى ئەڭ پەس ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. ئۆلۈك دېڭىز ئىچكى دېڭىز بولۇپ، 4 - دەۋرنىڭ باشلىرىدا ئافرىقىدا شەكىللەنگەن چوڭ شەرقىي ئافرىقا ئۈزۈلمە بەلبېغىنىڭ شىمالىغا سوزۇلغان داۋامى ھېسابلىنىدۇ. قەدىمدە ئۆلۈك دېڭىز سۇ يۈزى ھازىرقىدىن 220 مېتىر يۇقىرى بولۇپ، كېيىنكى ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا دېڭىز سۈيىنىڭ كۈچلۈك پارغا ئايلىنىشى نەتىجىسىدە سۈيى ئازلاپ، ھازىرقى ھالغا كېلىپ قالغان. بۇ رايوننىڭ كىلىماتى قۇرغاق بولغانلىقتىن، ھۆل - يېغىنى ناھايىتى ئاز، پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، ياز پەسىللىرى ئۆلۈك دېڭىز سۇ يۈزى قىش پەسلىدىكى سۇ يۈزىدىن 3-5 مېتىر تۆۋەن بولىدۇ. ئۆلۈك دېڭىز ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۆلۈك دېڭىز بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيىدە جانلىقلار يوقلا بولۇپ قالماسىتن، دېڭىز ئەتراپىدىكى جايلاردىمۇ ھېچقانداق ئوت - چۆپ ئۆسمەيدۇ. ئۆلۈك دېڭىز چوڭ تۇز ئامبىرى بولۇپ، مۆلچەر بويىچە ئۇنىڭدىكى تۇز زاپىسى بىلەن دۇنيادىكى 5 مىليارددىن ئوشۇق خەلقنى 2000 يىل تەمىنلىگىلى بولىدىكەن. تۇزدىن باشقا يەنە 2 مىليارد 200 مىليون توننا ئەتراپىدا ماگنىي خلورىد، 2 مىليارد توننا كالتسىي خلورىد قاتارلىق خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار بار ئىكەن.