Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆلۈمتۈك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئۆلۈشكە ئاز قالغان، يېرىم جان، جان تاشلاشقان:
ئىكى بۇ نەۋئ غالىب خەسم ئۆلۈمتۈك مور قەتلىغە،
چۇ جازم بولسالەر، ھايھات مىسكىن مورنىڭ قانى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆلۈككە ئوخشاپ كېتىدىغان ئاجىز، زەئىپ.
ئۆلۈمتۈك ئېشەك ئولتۇرۇپ تېپەر. ئۇ شۇ يەردە چالا ئۆلۈك ياتاتتى. ئۆلۈشتىن قورقما، ئۆلەرمەن بولۇشتىن قورق. نىمجان ياشىساڭمۇ پاك ياشا. يېرىمجان بولۇپ يۈرگۈچە، ھەرىكەت قىل، ئۆزۈڭنى تاۋلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۆلەر ھالەتكە يەتكەن، ئۆتە زەئىپ، نىمجان.
ئۆلۈمتۈك خوتۇن. ئۆلۈمتۈك ئادەم.