Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئودوننېل
دۇنيا تارىخى
(1809 - 1867)؛ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى (1856، 1858 - 1863، 1865 - 1866). تىتۇئان كىنەزى. چوڭ بيۇروكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كارلوسچىلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. سىياسىي جەھەتتە <تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى> نىڭ ئوڭ قانىتىغا تەۋە بولغان. 1840 - يىى فرانسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 1841 - يىلى پامپلونادا ئېسپارتېروغا قارشى ئەمەلگە ئاشمىغان قوزغىلاڭغا قاتناشقان، كېيىن يەنە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1843 - يىلى ئېسپارتېرو ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. 1844 - 1848 - يىللاردا كۇبا باش ۋالىيىسى بولغان. ئىسپانىيىنىڭ 1854 - 1856 - يىل ئىنقىلابىدا ئېسپارتېرو باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1856 - يىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ئىنقىلاب ۋاقتىدا قۇرۇلغان مىللىي ساقچى قىسىملىرىنى تارقىتىۋەتكەن؛ ئەيسا جەمئىيىتى مۇرىتلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يېڭىۋاشتىن رۇخسەت قىلغان (1835 - يىلى چەكلەنگەنىدى)؛ 1859 - يىلى ماراكەشكە تاجاۋۇز قىلغان؛ ئاندالۇسىيە دېھقانلار ھەرىكىتىنى ئۇجۇقتۇرغان ھەمدە ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر بىلەن مېكسىكىغا بىرلىكتە مۇداخىلە قىلىش كېلىشىمىنى تۈزگەن.