Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئودېر نىسا دەرياسى سىزىقى
دۇنيا تارىخى
سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەت 1945 - يىلى 8 - ئايدا <پوتسىدام كېلىشىمى> دەپ بېكىتكەن پولشا - گېرمانىيە دۆلەت چېگرىسى. كېلىشىمدە پولشانىڭ غەربىي چېگرىسى ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى، بۇرۇنقى گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسىم زېمىنى، يەنى سۋىنېمۇندې (ھازىرقى پولشانىڭ سۋىنوئۇيىمىكى) نىڭ غەربىدىكى بالتىق دېڭىز بويى ئودېر دەرياسىدىن ئۇنىڭ نىسا دەرياسى بىلەن قوشۇلىدىغان قىسمىغىچە، ئاندىن غەربىي نىسا دەرياسىنى بويلاپ چېخوسلوۋاكىيە چېگرىسىنىڭ شەرقىغىچە پولشا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1950 - يىلى 7 - ئايدا پولشا بىلەن گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پولشانىڭ زگورزېلېس دېگەن جايىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، ئودېر (غەربىي) نىسا دەرياسىنى ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسى دەپ ئېتىراپ قىلغان. پولشا بىلەن گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى 1970 - يىلى 12 - ئايدا ۋارشاۋادا ئىمزالىغان ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى شەرتنامىدە بۇ سىزىق پولشانىڭ غەربىي قىسىم دۆلەت چېگرىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.