Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئودازاكى كويې
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1903) ياپونىيىلىك يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى ئىسائوتارو، تەخەللۇسى جۇسېنمان دو. 1885 - يىلى ياماتاشىمى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ساۋاقداش دوستلار جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ، <كارىئو ئەسەرلەر خەزىنىسى> ژۇرنىلىنى چىقارغان. 1889 - يىلى <دومەي خەۋەرلىرى گېزىتى> نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە قاتنىشىپ، دائىم بۇ گېزىتتە ھېكايىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇسلۇب جەھەتتە ئىخارا سايكاكۇنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. <ئالتۇن رەڭلىك ياكسا> دېگەن رومانىدا كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى جازانە ئېكسپىلاتاتسىيىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ مېيجى يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەشھۇر رېئالىزملىق رومان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە <خۇش پۇراق ياستۇق>، <ئۈچ ئادەمنىڭ خوتۇنى>، <زۇۋان سۈرمەسلىك>، <مۇھەببەت ۋە نەپرەت> قاتارلىق پوۋېست، رومانلارنى يازغان.