Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېلېئانور روزۋېلىت
دۇنيا تارىخى
(1885 - 1962) ئامېرىكىلىق جەمئىيەت ئەربابى. تېئودرې روزۋېلىتنىڭ جىيەن قىزى، ئاتا - ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كېتىپ، بالىلىق دەۋرىدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا خۇسۇسىيلانىڭ تەربىيىسىدە بولغان. 1905 - يىلى نەۋرە ئاكىسى فرانكىلىن روزۋېلىت (كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان) بىلەن توي قىلغان. نيو - يۇرك شتاتىدىكى ئايال سايلىغۇچىلار ئىتتىپاقىدا خىزمەت قىلغان. 1924 - 1928 - يىللىرى دېموكراتىك پارتىيىسى شتاتلىق كومىتېت ئاياللار بۆلۈمىدە مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل رەئىس بولغان. 1928 - يىلى دېموكراتلار پارتىيىسى مەملىكەتلىك سايلام ھەيئىتى ئاياللار مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1932 - يىلى مائارىپ، سىياسىي ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. روزۋېلىت ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋەكىلى سۈپىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلتى كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىدا ئامېرىكا ۋەكىلى بولغان. يېزىقچىلىقنى ياخشى كۆرەتتى. <مېنىڭ بىر كۈنۈم> دېگەن مەخسۇس بەت ماقالىسىنى يېزىپ، 135 گېزىتتە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلغان. <ئاياللار - ئائىلە ئوبدان دوست> دېگەن ھەپتىلىك سوئال - جاۋاب بېتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئۇنىڭ <بۇنى ئاياللار قارا قىلسۇن>، <ھىندىستان ۋە ئويغانغان شەرق>، <ئۆزۈم> ، تەرجىمىھالى - <مانا بۇ مېنىڭ ھېكايەم> دېگەن ئەسەرلىرى بار.