Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېلېكتر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زەرەتنىڭ بارلىقى ۋە زەرەتنىڭ ئۆزگىرىش ھادىسى. جىسىمدىكى مۇسبەت زەرەت ياكى مەنپىي زەرەت.
شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ 10 يىللىق پىلانى بويىچە، 1995 - يىلىغا بارغاندا توك چىقىرىش مىقدارى 10 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈلىدۇ. 2000 - يىلى يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 16 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈلىدۇ. ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئۇدا تۆت قېتىم 100 كۈنى بىخەتەر ئىشلەش رېكورتى ياراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
فىزىكا
زەرەتلەنگەن زەررىچىلەرنىڭ (ئېلېكترون، پروتون ۋە باشقىلارنىڭ) ئۆزئارا تەسىرى ۋە ھەرىكىتى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن فىزىكىلىق ھادىسىلەر يىغىندىسى؛ شۇ ھادىسىلەر تۈپەيلى بارلىققا كېلىدىغان ئېنېرگىيە تۈرلىرىدىن بىرى.
مۇسبەت ئېلېكتر، مەنپىي ئېلېكتر، ئېلېكتر توكى، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، ئېلېكتر لامپىسى، ئېلېكتر قوڭغۇراق.
توك قۇۋۋىتى بىلەن يانىدىغان لامپا.
ئېلېكتر نۇرى.