Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەخلاقىي تەسەۋۋۇر
پسىخولوگىيە
ئىجتىمائىي ئەخلاق ھادىسىلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدە قالدۇرغان ئوبرازى ( ياكى تەسەۋۋۇرى). ئەخلاقىي تەسەۋۋۇرنىڭ ھاسىل بولۇشى ئاساسەن سەزگۈ _ ئىدراك پائالىيتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەنە كىشلەر مەلۇم ئەخلاقىي ھادىسىنى نۇرغۇن قېتىم ئىدراك قىلغاندىن كېيىن، ماس ھالدىكى ئەخلاقىي تەسەۋۋۇر ( ياكى ئوبراز ) ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئەخلاقىي بىلىشنىڭ ھېسسىي بىلىش باسقۇچىدۇر. ئەخلاقىي ئوبراز تەدرىجىي كۆپىيىپ مۇكەممەللەشكەندىن كېيىن، مۇشۇ ئاساس ئۈستىدە ئەخلاقىي ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ.