Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەخلاقىي پەزىلەت
پسىخولوگىيە
كىشىنىڭ بىر قاتار مۇناسىۋەتلىك ئەخلاقىي ھەرىكەتلىرىدە ئىنكاس ئېتىلگەن بىر قەدەر مۇقىم خاھىش ۋە ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت. بىر كىشىنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى جامائەتچىلىكنىڭ (جامائەت پىكرىنىڭ) تاۋلىشى، مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى تەسىرىدە شەكىللىنىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى، ئەخلاقىي پەزىلەت ئىندىۋىدۇئال (شەخسى) ھادىسە، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئوبيېكتىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىغا تايىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئادەم پسىخىكىسى تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىغا تايىنىدۇ.
ئەخلاقىي پەزىلەت مەلۇم ئەخلاقىي بىلىش، ئەخلاقىي ھېسسىيات ۋە ئەخلاقىي ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۈچ ئاساسىي تەركىب ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەخلاقىي بىلىش ئەخلاقىي ھېسسىيات ھاسىل بۇلۇشنىڭ ئاساسى. ئەخلاقىي ھېسسىيات يەنە كېلىپ ئەخلاقىي بىلىشكە تەسىر قىلىدۇ. ئەخلاقىي ھەرىكەت ئەخلاقىي بىلىش بىلەن ئەخلاقىي ھېسسىياتنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تەسىرى ئاستىدا مەلۇم مەشىق ۋە تاۋلىنىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئەخلاقىي ھەرىكەت يەنە كېلىپ ئەخلاقىي بىلىش بىلەن ئەخلاقىي ھېسسىياتنى مۇستەھكەملەيدۇ ھەم تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچ ئاساسىي تەركىبنىڭ ئورتاق رول ئوينىشىنىڭ بىر خىل ئومۇمىي جەريانىدۇر.