Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەخلاقىي ھۆكۈم
پسىخولوگىيە
ئەخلاقىي ھەرىكەتنىڭ ھەق _ ناھەقلىقى، ياخشى _ يامانلىقىغا ئەخلاقىي ئۇقۇم ياكى ئەخلاقىي بىلىم ئارقىلىق باھا بېرىش جەريانىدۇر. ئۇ بىر خىل بىلىش جەريانى بولۇپ، بىر كىشىنىڭ ئەخلاققا باھا بېرىش سەۋىيىسى شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىي ئۇقۇم بىلەن ئەخلاقىي بىلىملەرنى قانچىلىك ئىگىلىگەنلىكىگە، شۇنىڭدەك مەلۇم دەرىجىدە پىشىپ يېتىلىشى ۋە ئەقىل _ پاراسىتىگە باغلىق.