Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەركىن سودا سىياسىتى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە قاتارلىق كاپىتالىستىك ئەللەرنىڭ بىر خىل ئىقتىسادىي سىياسىتى. چېگرا بېجى ۋەمونوپولنى بىكار قىلىپ، دۆلەتلەر ئارا ئەركىن سودا ۋە رىقابەتنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىغان. ئەنگلىيە ئەركىن سودا سىياسىتىنى ھىمايە قىلغۇچىلار سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە كۆپلگەن ئەرزان باھادىكى دېھقانچلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتتىن كىرگۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، چېگرا بېجىنى كېمەيتىشنى تەلەپ قىلغان. ئادەم سىمىت ئۆزىنىڭ <دۆلەتنى باي قىلىش ھەققىدە> دېگەن ئەسىرىدە (6177-يىلى) نەزەرىيىۋى جەھەتتىن شەرھلىگەن. Ⅹ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ، ئەنگلىيە چېگرا بېجى سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە كىرىشكەن. پېل ھۆكۈمىتى 1842-ۋە، 1845-يىللىرى ئېكسپورت بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىمپورت بېجىنى كېمەيتكەن ھەمدە ئاشلىق قانۇنىنى بىكار قىلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەركىن سودا سىياسىتى ئەنگلىيىدە تولۇق غەلىبە قىلغان. 50-يىللاردىن باشلاپ، فرانسىيە، گېرمانىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئەركىن سودا سىياسىتىنى يولغا قويغان. لېكىن كاپىتالىزم تەرەققىياتىنىڭ تەكشىسىزلىكى ۋە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشى ئارقىسىدا، چېگرا بېجىنى قوغداش سىياسىتى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن. جاھانگىرلىك دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئەركىن سودا سىياسىتىنى ئەمەلىيەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا مۇمكىن بولماي قالغان.