Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەركىن تايلاندلىقلار ھەرىكىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تايلاند خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشكىلات. 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان. رەھبىرى پېرىد پانوميوڭ (1900 - 1983) ۋە سېنى پراموج (1905 - ؟). جەمئىي 50 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇلار ئوخشاش بولمىغان سىنىپلارغا ۋەكىللىك قىلغان. تايلاند ئىشچىلار سىنىپى ھەرىكەتتە ئاكتىپ رول ئوينغان. ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى - مەملىكەت سىرتىدا ئالاھىدە خىزمەت خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ، بۇلارنى تايلاندقا قايتۇرۇپ كېلىپ، ياپونغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ھەرىكەت توختاپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.