Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەركىن كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى<گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارتىيىسى> دەپمۇ ئاتىلدۇ. گېرمانىيىدىكى يونكېر پومشچىكلار ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ پارتىيىسى. 1866-يىلى پروسىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان مۆتىدىلچىلەر قۇرغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ باشلىرى بىسمارك قوزغىغان مەدەنىيەت كۈرىشىگە ئىشتراك قىلغان، 1878-يىلى يەنە بىسماركنىڭ <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> نى ھەمدە قوغدىنىش بېجى سىياسىتىنى پائال ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، گېرمانىيە پارالامېنتىدىكى سىياسىي تەسىر ئەڭ زور بولغان ئەكسىيەتچىل پارتىيە - گۇرۇھنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى جاھانگىرلىك مۇستەملىكە كېڭەيمىچىك سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان. 1918-يىلى گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىدىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن. كۆپ قىسىم ئەزالىرى گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيە مىللىي خەلق پارتىيىسى بولغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.