Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەمگەك شارائىتى
دۇنيا تارىخى
ئەمگەك ۋاسىتىلىرى، ئەمگەك ئوبيېكتى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى، تازىلىق ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي شارائىتلار كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك شارائىتىنىڭ ياخشى ۋە يامان بولۇشى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمىنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق بولىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەمگەك شارائىتى بەكمۇ ئاددىي بولغان. سىنپىي جەمئىيەتتە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ ئاز خىراجەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدىكى ئېكسپىلاتاتسىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھامان ئەمگەك شارئىتىغا قارىمايدۇ، ھەتتا ئەمگەك شارائىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى، پايدا ئۈندۈرۈۋېلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىدۇ. سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئەمگەك شارائىتىنى بارغانسېرى ياخشىلاشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىندۇ.