Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەمگەكچى ئەۋەتىپ بېرىش تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
ھاشار - سېلىق تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅦ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىدە قوللانغان ئىندىئانلارنى قۇل قىلىدىغان بىر خىل تۈزۈم. 1499-يىلىنىڭ بېشىدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، 1475-يىلى رەسمىيلەشتۈرۈلگەن. پىرودا مىتا تۈزۈمى، يېڭى ئىسپانىيىدە گۇاتېكۇئىل تۈزۈمى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈزۈم بويىچە، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە ئەۋەتىپ بېرىلگەن ئىندىئانلار قۇرۇلۇش، كانچىلىق ۋە دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ، نامدا ئەمگەككە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئادەم سانى ئىش ھەققى تۆۋەن بولۇپ، ئىندىئانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىشىمۇ تەس بولغان. ئىندىئانلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى 1601-يىلى ۋە 1609-يىلى ئىككى قېتىم بۇ تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا داۋاملىشىپ 1820-يىلى ئەتراپىدىلا ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.