ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
داۋا، شىپا.
ئەركەچ ئېتى ئەم بولار، ئۆچكە ئېتى يەل (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئەممەك، ئېمىش. شۈممەك، شورىماق.
ئاغزى يۇمشاق موزاي، قوش ئەمچەك ئېمەر (ماقال).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
داۋا، شىپا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا قىلىنىدىغان ۋاستە، كېسەلنى ساقيتىدىغان نەرسە.
ئۆلۈمدىن باشقىغا داۋا بار. دەردكە داۋا، رەنجىگە شىپا. ئاغرىقنى ئۆزۈڭ ياپساڭ، شىپاسىنى نەدىن ئالارسەن؟ دەردكە دەرمان بول. ئىلاجى يوق كېسەل يوق. ئەمگەك كېسەلگە ئەم.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
شىپا، داۋا. مەسىلەن: كۆك ئىنەكنىڭ سۈتى يۆتەلگە ئەم (شىپا) بولىدۇ.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئەم، داۋا.
داۋالىغۇچىنى « ئەمچى» دېيىش شۇنىڭدىن ئېلىنغان.
1 - 53
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئەم.
ئاياللارنىڭ جنىسىي ئەزاسى.
ئوغۇزچە ۋە قىپچاقچە.
1 - 53
دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىداۋا، رېسېپ
دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىدورا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېبابەت
چېچەك ۋە بەزى باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېرە ئارقىلىق بېرىلىدىغان سۇيۇقلۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كۆزى كۆرمەس؛ قارىغۇ.
خۇرشىدە موماينىڭ نېمە ئۈچۈن ئەما بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنچىكىلەپ سورىدىم.