دائىرە: دۇنيا تارىخىيەنى كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىچدىكى ئاساسلىق ئامىل، كىشىلەرنىڭ ئەمگەك داۋامىدا قوللانغان جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئەمگىكىنىڭ يىغىندىسى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى پەقەت ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشكەن چاغدىلا، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى ھاسىل قىلىپ، مەھسۇلات يارىتالايدۇ. ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەتتە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئورنى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بىرلىشىش شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. قۇللۇق جەمئىيەت بىلەن فېئوداللىق جەمئىيەتتە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئىقتىسادتىن تاشقىرى زورلۇق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا سالىدۇ كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە، ئەركىن ئەمگەكچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك كۈچىنى سېىشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ، بۇ خىل ئەمگەك كۈچلىرى تاۋار سۈپىتىدە سېتىلغاندىلا ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن بىرلىشەلەيدۇ. سوتسىيالىزم شارائىتىدا ئەمگەكچى خەلقلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئەمگەك كۈچلىرى تاۋار بولۇشتىن قالغان بولىدۇ، سوتسىيالىستىك پىلانلىق تاۋار ئىگىلىكى داۋامىدا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى بىلەن توغرىدىن - توغرا بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سىياسىي ئىقتىساد
ئادەملەرنىڭ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى يەنى ئەقلىي ۋە جىسمانىي كۈچىنىڭ يىغىندىسى.