Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەل ئەشئەرىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى سۈننىي مەزھىپىنىڭ مەدرىسە پەلسەپىسى تەرەپدارلىرى بولۇپ، كەلام جەدىد (يېڭى كالامچىلار) دەپ ئاتالغان. بۇنىڭغا Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەبۇ ھەسەن ئەلى ئەشئەرى (873 - 935) ئاساس سالغان. ئەشئەرى ئەسلىي بەسرەدىكى مۇئتەزىلىيە مەزھىپىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى ئەل جۇببائى (850 - 915) نىڭ شاگرىتى بولۇپ، دىنىي ئىدىيىدە ئۇستازنىڭ ئاللانىڭ مۇتلەق بىرلىكى، ئادىل ئەقىدە ۋە <قۇرئان كەرىم> نىڭ يارىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىغا ئەمەل قىلىپ، مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ نەزەرىيە باشلامچىسى بولغان. ئەشئەرى 40 ياشقا كىرگەندە ئەقىدە مەسىلىسىدە ئۇستازى ئەل جۇببائى بىلەن كىلىشەلمەي، ئۇستازىنىڭ تەلىماتىغا ئاشكارا قارشى چىقتى ھەمدە <بۇرۇنقى گۇناھىغا تۆۋبە قىلىدىغانلىقى> نى جاكارلاپ، ھەنبەلىيە مەزھىپىنىڭ تەلىماتىغا ئەمەل قىلىپ، مۇئتەزلىيە مەزھىپىدىن ئايرىلدى. كېيىن باغداتقا كۆچۈپ بېرىپ، ئەنئەنىۋى ئىلمىي تەۋھىد تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. مۇئتەزىلىيە ۋە خاۋارىجلار قاتارلىق مەزھەپلەرگە ھۇجۇم قىلدى ھەمدە شاگىرت توپلاپ، ئۆزىنىڭ ئەقىدە تەشەببۇسىنى تەرغىپ قىلدى. ئۇ يازغان <ئىلمىي تەۋھىد قائىدىسىنىڭ ئىزاھاتى> ۋە <ئىسلام دىنىدىكى ئىلمىي ئېقىملارنىڭ سۆزلىرى> بۇ ئېقىم تەلىماتىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى سېلىپ بەردى. ئۇ <ۋەھىي> نىڭ ئىدراكتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىرادە ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى نەزەرىيىگە قارشى تۇرۇپ، پېشانىگە پۈتۈلۈش تەلىماتىنى تەشەببۇس قىلدى. دىنىي ئەقىدىنى پەلسەپە، لوگىكا ئۇسۇلى بىلەن دەلىللەپ، ئەنئەنىچىلەرنىڭ ئېتىقادىغا ماسلىشىپ، مۇئتەزىلىيە مەزھىپىنىڭ تەلىماتىغا قارشى كەلام جەدىد بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر كېيىن ئەشئەرىيەچىلەر دەپ ئاتالدى. بۇ مەزھەپ باشتا دىن بىلەن پەلسەپىنى، ئىدراك بىلەن ئېتقادنى، تەقدىر بىلەن ئىرادە ئەركىنلىكىنى ياراشتۇرىدىغان قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەم ئۇئتەزىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ھەم سۈننىي مەزھىپىدىكى فەقىھلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەندى. ھەنبەلىيە ئۇلارنىڭ تەلىماتىى <ئاللانىڭ توغرا يولى> غا ئاسىيلىق قىلدى، <ھەر قانداق شەكلىدىكى كالامدىن شىردىن قاچقاندەك قاچتى> دەپ ئەيىبلىدى. ماتۇرىدىيە مەزھىپى ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى، ئىدراكلىقىنى شەرھلىشى بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدكى ئەسلىي ئەقىدىگە ماس كەلمەيدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. كېيىن بۇ ئېقىمدىكى ئۆلىمالار ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى بىلەن بولغان سىياسىي ۋە دىنىي كۈرەشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، دىنىي جەھەتتىكى ئىدىيىۋى كۈرەشتە سۈننىي مەزھىپىدىكى ھەنبەلىيە تەرىپىگە ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ئادىمى كۆپ، ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ بولۇپ، سۈننىي مەزھىپىدىكى مەشھۇر فەقىھ ئەبۇ بەكرى، ئەسفارانى قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھۆرمەت قىلىنىپ، ئىسلام دىنىدىكى <ھەق يولنى قايتا بەرپا قىلغۇچىلار> دەپ تەرىپلەندى. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بۇ ئېقىمنىڭ ئۆلىماسى ئەل باقىللانى (؟ - 1013) قاتارلىقلار بۇ ئېقىمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدى. ئەل باغدادى (؟ - 1083)، كۇسايرى (؟ - 1074)، ئەل جۇۋەينى (؟ - 1083)، شەھرىستانى (1086 - 1153) قاتارلىق كىشىلەر بۇ ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلدى. ئۇلار ئىلمىي تەۋھىد، ئىلمىي تەپسىر، ئىلمىي ھەدىس، ئىلمىي فىقھە، ئېتىكا، ئاتوم نەزەرىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. ئىلمىي تەۋھىد مەسىلىلىرىنى دەلىللىگەندە دىنىي پەلسەپە ئىدىيىسىنى شەرھلەپ، بۇ ئېقىمنىڭ دىنىي پەلسەپە ئىدىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئېقىمدىكى ئۆلىمالار ئۆزىنى <مۇتەكەللىم> دەپ ئاتىدى. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى نىزام مۇلىك (1019 - 1092) ئەشئەرىيەنىڭ تەلىماتىنى ھۆكۈمەت ئەقىدىسى قىلدى ھەمدە باغدات، نشاپۇر قاتارلىق جايلاردىكى نىزامىيە مەدرىسىدە بۇ ئېقىمنىڭ تەلىمات ۋە تەشەببۇسلىرىدىن دەرس ئۆتۈشنى يولغا قويدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئېقىمنىڭ تەلىماتى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا تارقىلىپ، يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەيدىغان ئىدىيە بولۇپ تەرەققىي قىلدى. ئىسلام دىنىنىڭ نوپۇزلۇق ئۆلىماسى ئەل غەززالى (1058 - 1111) بۇ ئېقىمنىڭ دىنىي پەلسەپە ئىدىيە سىستېمىسىغا ۋارىسلىق قىلدى ھەمدە ئۇنى تەسەۋۋۇپچىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىلمىي تەۋھىد توغرىسىدىكى ئاخىرقى نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈردى.
ئەشئەرىيەنىڭ دىنىي پەلسەپە ئىدىيىسى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئېتىقادىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ، ئاللانىڭ زاتى بىلەن ئاللانىڭ سۈپەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئاللانىڭ پېشانىسىگە پۈتۈشى بىلەن ئىنساندىكى ئىرادە ئەركىنلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىدراك بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتى، <قۇرئان كەرىم> نىڭ خاراكتېرى، ئاتون نەزەرىيسى بىلەن تاسادىپىيلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. ياراشتۇرۇش ۋە مۇرەسسە - مادار قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەزھەپلەرنىڭ تەلىماتىنى قوبۇل قىلدى، دىنىي ئەقىدىنى پەلسەپە بىلەن شەرھىلەپ، ئېتىقادنى ئىدراك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پەلسەپىنى ئېتىقاد ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسىي كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) ئەسلىي زات جەھەتتە دۇنيانى ئاللا بىۋاستە ياراتتى، دېگەن تەلىماتنى تەشەببۇس قىلدى. ئاللا تەبىئەتتىن، بوشلۇقتىن ھالقىغان مەڭگەلۈك مەنىۋى مەۋجۇدىيەتتۇر. ئاللا دۇنيادىكى جىمى مەۋجۇداتلارنىڭ بىۋاستە ياراتقۇچىسىدۇر ۋە بىردىنبىر ئىگىسىدۇر، جىمى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشىدىكى مەقسەتنىڭ سەۋەبىدۇر، دەپ قارىدى. دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار ئاللا بىۋاستە ياراتقان ئاتوم ۋە تاسادىپىيلىقتىن تەركىب تاپقان. ئاتومنىڭ ئۆزى جىسىمدۇر. ماددا ئاتومنىڭ بىرىكىشىدۇر. جىسىم ھەم ماددا ئەمەس، ھەم شەكىل ئەمەس، بەلكى ئىدىيىدىكى ئۇقۇم كاتېگورىيىسىدىن ئىبارەتتۇر. شەيئىلەر تاسادىپىيلىققا ئىگە بولغاچقا، ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مۇقىم خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمايدۇ. ئاتوم ۋە تاساددىپىيلىق ئاللانىڭ ئىرادىسىنىڭ بەلگىلىشى بىلەن ھەر قاچان ھەر قاچان ئۈزلۈكسىز يارىتىلىپ ياكى يوقىتىلىپ تۇرىدۇ، دەپ ھېسابلىدى. شەيئىلەرنىڭ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىدە مۇقەررەر باغلىنىش بولمايدۇ. شەيئىلەر ئۆز ئارا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جىسىمدىكى ئاتومنىڭ ھەرىكەت قىلىشى تۈپەيلىدىن تاسادىپىيلىق بوشلۇقتا بىر نوقتىدىن يەنە بىر نوقتىغا ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. ئۆزىدە قوزغىلىش ۋە قوزغىتىلىش مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، دەپ قارىدى. بۇ ئېقىم ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ مەڭگۈلۈكلىكىنى ۋە دۇنيانىڭ قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، بوشلۇقتىكى دۇنيا چەكلىك بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ، تەبىئەت دۇنياسى قىسقا بولىدۇ يەنى يوقىلىپ كېتىدۇ. پەقەت ئاللا مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ. <قانۇنىيەت> ئاللانىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش <ئادىتى> ياكى <دائىملىق ئەھۋالى> بولۇپ، ئاللانىڭ ئىرادىسى <ئادىتى> نى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، ھەر قاچان يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ، دەپ قارىدى. (2) ئاللانىڭ زاتى بىلەن سۈپىتى مۇناسىۋىتىدە، ئاللانىڭ زاتى نۇرغۇن سۈپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ ئېقىم ھەم مۇئتەزىلىيەنىڭ ئاللا نۇرغۇن سۈپەتلەرگە ئىگە دەيدىغان تەشەببۇسىغا قارشى تۇرىدى، ھەم كەررامىيە ئۆلىمالىرىنىڭ ئاللانىڭ سۈپەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئادەمگە ئوخشاتقان قارىشىنى تولۇق قوللىمىدى. مۇنداق دەپ قارىدى: ئاللانىڭ ئەسلىي زاتى جىمى مەۋجۇداتلاردىن ھالقىغان تەنھا مەنىۋى جىسىمدۇر. ئاللانىڭ ھەممىگە قادىر ئەسلىي زاتى بىلىش سېزىمى، ئىقتىدار، تۇرمۇش، ئىردە، تىل، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمى قاتارلىق سۈپەتلەرگە ئىگىدۇر. ئاللانىڭ سۈپەتلىرى ئاللانىڭ ئەسلىي زاتىدا ھازىرلانغان. ئەسلىي زات بىلەن سۈپەتنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ئاللانىڭ سۈپەتلىرى ئىنكار قىلىنسا، ئاللانىڭ ھەممىگە قادىرلىقى ۋە مەۋجۇتلۇقى ئىنكار قىلىنغان بولىدۇ. لېكىن، ئاللانىڭ سۈپەتلىرى ياراتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. ئىنساننىڭ سۈپىتى يارىتىلغۇچىنىڭ سۈپىتىدۇر. بۇ ئىككىسى ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. ئەگەر ئاللانىڭ سۈپەتلىرى ئادەمنىڭكىگە ئوخشىتىلسا، ئېتىقادنىڭ بىرلىكى بۇزۇلۇپ، مۇشرىكلىككە كېتىپ قالىدۇ. (3) تەقدىرچىلىك بىلەن ئىنسان ئىرادىسىنىڭ ئەركىنلىكى مۇناسىۋىتىدە، بۇ ئېقىم ۋە مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ ئاللا پۈتكەن تەقدىر - قىسمەتنى ئىنكار قىلىشىغا قارشى تۇرىدى، ھەم جەبرىيەچىلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان قارىشىنى تولۇق قوللىمىدى. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى ھەممە شەيئىلەرنى ئاللانىڭ ئىرادىسى باشقۇرىدۇ. ئىنساننىڭ تەقدىرىنى ۋە ھەرىكەت مىزانىنى ئاللا ياراتقان ۋە ئىنساننىڭ پېشانىسىگە پۈتۈۋەتكەن بولىدۇ. شەيئىلەرنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئاللا مۇتلەق ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئىگە. ۋەھالەنكى، ئىنساندا ئىرادە ئەركىنلكى بولمايدۇ. ياخشىلىق - يامانلىق مەسىلىسىدە مۇنداق دەپ قارىدى: ياخشىلىق - يامانلىقنىڭ مىزانلىرىنى ئاللا ئىنساننىڭ پېشانىسىگە پۈتتى ھەمدە ئىنسانغا يامانلىقنى توسۇپ، ياخشىلىقنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. ئاللا ئىنسانغا ئىدراك ئاتا قىلدى. ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. لېكىن، ھەرىكەتنىڭ يامان ياكى ياخشى بولۇشىنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى تاللىۋالىدۇ. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە جاۋابكار بولۇشى، ياخشىلار مۇكاپاتلىنىشى، يامانلار جازالىنىشى لازىم. (4) ئىدراك بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتىدە، ئېتىقادنىڭ ئىدراكتىن ئۈستۈن تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، ئېتىقاد دېمەك ئاللاغا، پەيغەمبەرگە، كىتابقا ئېتىقاد قىلىش دېمەكتۇر. ئىنساننىڭ بىردىنبىر ئاللاغا ئېتىقاد قىلىشى ۋە ئاللانى تونۇشغا ئۆزىدىكى تونۇش ئىقتىدارى بىلەن يەتكىلى بولمايدۇ. ئاللا <ۋەھىيىسى> گە قەتئىي ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق، ئاللانىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئاللاغا مۇتلەق بويسۇنۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كىشىلەر جىمى شەيئىلەرنى تونۇش ۋە شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىشتا <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىشى لازىم. ئىدراكنى ئاللانى تونۇشنىڭ بىر خىل قورالى قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكىلى بولمايدۇ. ئىدراكنى تەتبىق قىلىشتا ئېتىقادقا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئېتىقادنى ئىدراك بىلەن قوغداش كېرەك. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، ئاللانى توغرا تونۇش ھەقىقەتتۇر. (ئاللانىڭ) <ۋەھىيىسى> ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى ۋە ئۆلچىمىدۇر. <ۋەھىي> گە قەتئىي ئىشەنگەندىلا، ھەقىقەتنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. بۇ ئېقىم بىلىمنى ئىلمىي تەۋھىد، پەلسەپە ۋە تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىپ، مۇنداق دەپ قارىدى: ئىلمىي تەۋھىد - ئېتىقاد توغرىسىدىكى بىلىم بولۇپ، ئىدراكتىن ھالقىپ كەتكەن ئاللا <ۋەھىيىسى> نىڭ ھەقىقىتىدۇر. ئۇ پەلسەپە ۋە تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. پەلسەپە دىندىن خالىي ئىدراكىي بىلىم بولۇپ، ئەقىدىنى دەلىللەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى چەكلىك دائىرىدە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەقىدىنى تەرتىپلەشتۈرۈپ، ھەر خىل بىدئەت تەلىماتلارغا رەددىيە بېرىدىغان قىلىدۇ. لېكىن، پەلسەپە ئاللانىڭ <ۋەھىيىسى> دىن ئايرىلسا، ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. تەبئىي پەن كۆپ ھاللاردا ئىلمىي تەۋھىد بىلەن تېپىشىپ كىشىلەردە ئېتىقادقا نىسبەتەن ئىككىلىنىش ۋە گۇمانلىنىش پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنىنى <ۋەھىي> ۋە ئەقىدە بىلەن <چەكلەپ>، ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇداتلارنى ئاللانىڭ ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. (5) <قۇرئان كەرىم> نىڭ خاراكتېرى مەسىلىسى توغرىسىدا، بۇ ئېقىم مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ <قۇرئان كەرىم> يارىتىلغان دېگەن تەشەببۇسىغا قارشى تۇردى ھەم مۇنداق دەپ قارىدى: <قۇرئان كەرىم> <ئاللا زاتىنىڭ ئاۋۋىلى يوق تىلى>، مەڭگۈلۈك مۇتلەق ھەقىقەت بولۇپ، ئاللا <ۋەھىيىسى> نىڭ مۇقەددەس مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېتىقادنىڭ ھەممە ئۆلچىمىدۇر. ئۇنىڭدىن ھەرگىز گۇمانلىنىشقا ۋە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. <قۇرئان كەرىم> نىڭ مۇقەددەس مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان تىل شەكلى (ئەرەب تىلى)، سۆزلەر ۋە ئۇ خاتىرىلەنگەن كىتاب بولسا ئاۋۋىلى بار ۋە يارىتىلغان. ئەشئەرىيەچىلەر سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىلمىي تەۋھىدنى پەلسەپە بىلەن دەلىللەپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، بۇ تەلىمنى ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەتكە ئىگە قىلىپ، ئىسلام ئىدىيە تارىخىدا ئۇزۇندىن بۇيان يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىدى.