Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەلائىددىن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ شەيخى، پىرسىيىدىن كەلگەن. ئۇكىسى بىلەن بىرلىكتە يۈەنشىزۇ (1260 - يىلىدىن 1294 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ غەربىي يۇرتنى بويسۇندۇرۇشىغا پۇل - مال ياردەم قىلىپ، ئەمەلدار بولدى. يۈەن يەنيۇ (1314 - 1320) يىللىرى <مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى> دېگەن ۋەزىپە بىلەن خاڭجۇدىكى ۋىنجىڭفاڭنىڭ جەنۇبىدا مەسچىت (ھازىرقى فىنخۇاڭ مەسچىتى) نى سالدى. ئوغلى شەمشىددىن، نەۋرىسى جامالىددىن، ئەۋرىسى دىڭ خېنەنلەر جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەردۇر.